باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

پەن–تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە تەرەققىياتنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەيلى

___ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكلار يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (1)

2018.05.29 14:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ دولقۇنى مەۋج ئۇرماقتا، كەسكىن رىقابەتتە باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىگەنلەر غەلىبە قىلىدۇ.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ 19-قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ 14-قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ئومۇمىيىتىدە تۇرۇپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ پەن-تېخنىكا ئىشلىرىدىكى تارىخىي ئۆزگىرىشلەر ۋە قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەرنى يۈكسەك دەرىجىدە خۇلاسىلەپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى توغرا ئىگىلەپ، پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىدا دۆلىتىمىز دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپەلەرنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، دۇنيادىكى پەن-تېخنىكىدا قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش توغرىسىدا نۇقتىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ مۇھىم سۆز پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنى باتۇرلۇق بىلەن يېڭى دەۋردىكى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت، پۈتۈن جەمئىيەتنى دۇنيادىكى پەن-تېخنىكىدا قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا سەپەرۋەرلىك قىلىشتا زور رېئال ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە.

  خىمىيە، ماتېرىيال، فىزىكا قاتارلىق پەنلەردە دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردۇق، دەرىجىدىن تاشقىرى كومپيۇتېر ئۇدا ئون قېتىم دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا تۇردى، «گۈللىنىش» ناملىق يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز قوغلاپ يېتىشىۋېلىشتىن يول باشلاپ يۈگۈرۈشكىچە ھالقىلىق بىر قەدەمنى تاشلىدى... بۇ بىر قانچە يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىز پەن-تېخنىكا ئىشلىرىدا زىچ كۈچەپ، تېز ھالقىپ، تارىخىي خاراكتېرلىك، ئومۇمىي خاراكتېرلىك، ئەندىزە خاراكتېرلىك زور ئۆزگىرىشلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، زور يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى بەس-بەستە ياراتتى، قىسمەن ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تەتقىقاتلار دۇنيا بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، باشلامچى بولۇپ مېڭىش باسقۇچىغا كىردى. پەن-تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى مىقدار جەھەتتە جۇغلىنىشتىن سۈپەت جەھەتتە ھالقىيدىغان، نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشتىن سىستېما ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدىغان مۇھىم پەيتتە تۇرماقتا. بۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى پەن-تېخنىكا ساھەسى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر