باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ئاساسىي قانۇن چوقۇم ئەمەلىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشى كېرەك

ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (2)

2018.01.22 16:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاساسىي قانۇن يېڭى ۋەزىيەتكە ئۈزلۈكسىز ئۇيغۇنلىشىپ، يېڭى تەجرىبىلەرنى قوبۇل قىلىپ، يېڭى نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرگەندىلا ئاندىن ئۇزاق داۋام قىلىدىغان ھاياتىي كۈچكە تولىدۇ.

  دۆلىتىمىز ئاساسىي قانۇنىنىڭ تەرەققىيات ئالاھىدىلىكى ۋە قانۇنىيىتىنى توغرا ئىگىلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ماسلىشىش ئۈچۈن، ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 2-ئومۇمىي يىغىنىدا «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاساسىي قانۇندىكى قىسمەن مەزمۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. بۇنىڭدا دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق خەلقنىڭ ئىرادىسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى گەۋدىلەندۈرۈپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش تەلىپىگە تېخىمۇ ياخشى ماسلىشىش مەقسەت قىلىنغان. ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشتا ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتىن ئىبارەت دەۋر مۇقەررەرلىكى، ئەمەلىيەت زۆرۈرىيىتى، قانۇن ئىدارە قىلىش ئېھتىياجىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك.

  ئاساسىي قانۇن چوقۇم پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشى كېرەك، بۇ دۆلىتىمىز ئاساسىي قانۇنىنىڭ تەرەققىياتىدىكى كۆرۈنەرلىك ئالاھىدىلىك، شۇنداقلا تۈپ قانۇنىيەت. 1954-يىلى دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى ئاساسىي قانۇنى بارلىققا كەلگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە، دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنى ئەمەلىيەتتە ئۆتكۈزۈش ۋە ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىش جەريانىنى باشتىن كۆچۈردى. 1982-يىلى ئاساسىي قانۇن ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئەمەلىيىتى ۋە تەرەققىياتىغا ئاساسەن ئايرىم-ئايرىم تۆت قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى. بۇ تۆت قېتىملىق تۈزىتىش كىرگۈزۈش پارتىيەنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىشتىكى مۇۋەپپەقىيەت تەجرىبىسىنىڭ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى، نەزەرىيەسى، تۈزۈمى، مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى ۋە كاپالەتلىك قىلدى، ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى ۋە كۈچەيتتى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنى دەۋرنىڭ قەدىمى، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلغان.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر