باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ئىستىقباللىق تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتايلى

2018.01.15 16:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 5-يانۋار پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مۇھاكىمە كۇرسىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ھازىر ئىستىقباللىق تارىخىي پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېنىق كۆرسەتتى. بۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆتمۈش، بۈگۈن ۋە كەلگۈسىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك ئويلىشىپ، دۆلەت، پارتىيە، مىللەتنىڭ گۈللىنىش-خارابلىشىشىنى نەزەردە تۇتۇپ چىقارغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ھۆكۈمى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغانلىقىنىڭ دۆلەت، مىللەت نۇقتىسىدىكى ئىپادىسى بولۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ تارىخنى كۆزىتىش پاراسىتى، تارىخنى يارىتىش مەسئۇلىيىتىنى نامايان قىلدى.

  (1)

  تارىخىي تەرەققىياتتا ھامان بىر قىسىم مۇھىم تۈگۈن، مۇھىم مەزگىللەر بولىدۇ.

  تارىخ 2017-يىلى 10-ئايدىكى كۈزنى ئەستە ساقلايدۇ. 89 مىليوندىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى بار دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پارتىيە، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئىچىدە ئۇزاق سىناقلاردىن ئۆتۈپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە پىشىپ يېتىلگەن ماركسىزملىق پارتىيە ___ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پۈتۈن دۇنيانىڭ نەزىرى ئاستىدا جۇڭخۇا مىللىتى يېڭى دەۋرىنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى پۈتتى.

  «ئۇزاق مۇددەت تىرىشىش ئارقىلىق جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تارىخىي ئورنى ئەنە شۇ» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاراڭلىق ئاۋازى مىلياردلىغان ئامما سەمىمىي ئۈمىد باغلىغان مىڭ كىشىلىك يىغىن زالىدا جاراڭلاپ، پۈتۈن جۇڭگو، ھەتتا پۈتۈن دۇنياغا تارقالدى.

  ئۆتكەنكى قالتىس بەش يىلدا «جۇڭگو» ناملىق چوڭ پاراخوت تېخىمۇ كەڭ يېڭى دەۋرگە قاراپ يولغا چىقتى. «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنىڭ تارىخىي گىرەلەشمە مەزگىلىدە ئارزۇ ۋە رېئاللىققا ۋارىسلىق قىلىنىپ، كۈرەش ۋە جەڭ داۋاملاشتۇرۇلىدۇ. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىن زامانىۋىلىشىشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىشقىچە بولغان جەريان پىلانلاندى. يېڭى باسقۇچ، يېڭى ۋەزىپىدە خىرىسلار كۆپ بولسىمۇ، ئۈمىدلىك بولۇپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن كۈرەش قىلساقلا ۋاقىت ۋە پۇرسەت يەنىلا بىزنىڭ قولىمىزدا بولىدۇ!

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر