باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتايلى

__ بەش يىللىق ئىسلاھات تارىخنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىنى بېكىتتى (3)

2017.10.11 16:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بەش يىلغا قارايدىغان بولساق جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشى ھەيۋەتلىك رەسىمگە ئوخشايدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىسلاھات ئەڭ روشەن بەلگە ھېسابلىنىدۇ، شۇنداقلا ئۇ يەنە ئەڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 2012-يىلى شېنجېندا تېخىمۇ زور سىياسىي جاسارەت ۋە ئەقىل-پاراسەت بىلەن پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي مۇھىم ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى جاكارلىدى، بۇ بەش يىلدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىسلاھات دولقۇنى پۈتۈن مەملىكەتتە مەۋج ئۇرۇپ، جۇڭگو ناملىق پاراخوت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى سەپىرىنى باشلىدى. ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى خەرىتىسى سىزىلىپ، 60 جەھەتتىكى 336 تۈرلۈك كونكرېت تەدبىرگە چېتىلدى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى 38 قېتىم يىغىن ئېچىپ، 200دىن ئارتۇق ئىسلاھات ھۆججىتىگە قاراپ چىقىپ، ئىسلاھاتتا ئومۇميۈزلۈك كۈچەش، كۆپ نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش، چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشتەك يېڭى ۋەزىيەت شەكىللەندى. قېيىن مەسىلىنى ھەل قىلىش، مەنپەئەتكە تېگىش، قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈش، تەۋەككۈل قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ئالدى-كەينى ماسلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىشىشى، سانىنىڭ كۆپلۈكى، سالمىقىنىڭ ئېغىرلىقى، دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى، تېگىدىغان ئورنىنىڭ چوڭقۇرلۇقى مىسلىسىز بولۇپ، توسۇۋالغىلى بولمايدىغان ئىسلاھات ئېقىمىنى ئورتاق شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا يېڭى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈش، يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىش، يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر