باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

جەڭدە غەلىبە قىلالايدىغان قۇدرەتلىك قوشۇنغا نەزەر (جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بەش يىل)

___ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشقا، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈشكە رەھبەرلىك قىلغانلىقى ۋە ئىلگىرى سۈرگەنلىكى توغرىسىدا (6)

2017.09.22 14:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2017-يىل 5-ئاينىڭ 24-كۈنى، بىر ئېلېكتىر دولقۇنى ئاسماننى كېسىپ ئۆتۈپ، پايتەخت بېيجىڭدىن بىپايان دېڭىزگە ئېتىلدى. دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش قىلىش قوماندانلىق زالىدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈۋاتقان رەئىس شى جىنپىڭ شۇ كۈندىكى دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيەنىڭ ئەسكىرىي كۈچلىرىنىڭ ھەرىكەت ئەھۋالىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، شۇ زاماتلا دېڭىزدا چارلاش ۋەزىپىسى ئىجرا قىلىۋاتقان 538-ھەربىي پاراخوت بىلەن سىنلىق تېلېفونلىشىپ، ئۇلارنىڭ دولقۇن يېرىپ ئۇدا جەڭ قىلغانلىقىنى ماختاپ، ئۇلارنى خىزمەت ۋەزىپىسىگە سادىق بولۇپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماسلىققا رىغبەتلەندۈردى.

  رەئىس شى جىنپىڭ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىگە رىياسەتچىلىك قىلغاندىن بۇيان، چوڭ مانېۋىرلارغا قاتنىشىپ، مۇھىم ھەربىي ھەرىكەتلەرگە ئۆزى تەدبىر بەلگىلەپ ۋە قوماندانلىق قىلىپ، پۈتۈن ئارمىيە بويىچە ئۇرۇش تەييارلىقى مانېۋىرىدا كۆپ قېتىم ئۆزى قىسىملارنى بېكىتتى ۋە تەكشۈردى...

  جەڭگىۋار قوشۇن توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەپ، قۇرۇقلۇق قىسىم رايون ھالقىپ ھەرىكەتلىنىپ، جەڭ مەيدانىنى نەچچە مىڭ كىلومېتىرغا جىددىي كېڭەيتتى؛ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى غۇيۇلداپ ئۇچۇپ، مانېۋىرغا قاتناشقان ئاۋىياتسىيە قىسىمى يېقىن ئارىلىقتا جەڭ قىلىپ كۈچلۈكلەر بىلەن كۈچلۈكلەر قارشىلىشىپ، يىراقتىن توسۇپ «ماگنىت ئورمىنى»دىن كېسىپ ئۆتتى؛ ئۇرۇش پاراخوتلىرى دولقۇن يېرىپ، دېڭىز ئۈستى پاراخوت ئەترىتى كېچىسى زەربىگە ئاتلىنىپ، كۆرۈنمەس دۈشمەن بىلەن ئوكياننىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا ھۇجۇم قىلىپ مۇداپىئەلەندى؛ بومبىلار ئاسماننى يېرىپ ئۇچتى، راكېتا ئارمىيەسىنىڭ مەلۇم لۈيى تاللاندى، بۇنىڭ بىلەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار نىشانغا دەل تەگدى...خاتالىشىشتىن، بۇزۇپ قويۇشتىن، قايتا كېلىشتىن قورقمىدى... ئەمەلىي جەڭگە ئوخشاش مانېۋىر غەلىبە قىلالايدىغان قوشۇننى تاۋلىدى.ئەسكەر مەشىقنى بىر كۈنمۇ توختاتماسلىقى كېرەك، مەشىق قىلغانىكەن جەڭدە غەلىبە قىلالايدىغان ئەسكەر بولۇشى كېرەك؛ ھەر ۋاقىت جەڭگە تەييار تۇرۇش، جەڭدە غەلىبە قىلالايدىغان جەڭ تەييارلىقى قىلىش كېرەك.پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، جەڭ قىلالايدىغان، جەڭدە غەلىبە قىلالايدىغان ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى كۆرسىتىپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ مەڭگۈ جەڭگىۋار قوشۇن ئىكەنلىكى، خەلق ئارمىيەسىنىڭ ھاياتىي كۈچىنىڭ جەڭگىۋارلىقىغا ئىكەنلىكى، چوقۇم كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن زېھنىنى جەڭ قىلىشقا مۇجەسسەملەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى جەڭ قىلىشقا كۈچ چىقارغۇزۇپ، پارتىيە ۋە خەلق ئېھتىياجلىق بولغاندا كۆكرەك كېرىپ ئالدىغا چىقالايدىغان، جەڭ قىلالايدىغان، جەڭدە غەلىبە قىلالايدىغان بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىشنى تەكىتلىدى.

  بەش يىلدىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ ۋە مەركىزىي كومىتېتنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن ئارمىيەدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر جەڭگىۋارلىقتىن ئىبارەت بىردىنبىر تۈپ ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ئۇرۇش تەييارلىقىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، چاقىرغان ھامان كېلەلەيدىغان، كەلگەن ھامان جەڭگە ئاتلىنالايدىغان، جەڭ قىلغان ھامان غەلىبە قىلالايدىغان كۈچلۈك قوشۇن بەرپا قىلىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، غەلىبە قىلىشنىڭ كۈچلۈك كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر