باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۇدان ھەربىي تەرەپ بەشىر ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى

دۆلەت ئۈچ ئايلىق جىددىي ھالەتكە كىردى

2019.04.12 14:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سۇدان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مۇھەممەد ئەھمەد ئىبنى ئوف 11-ئاپرېل تېلېۋىزىيە نۇتقى سۆزلەپ، زۇڭتۇڭ بەشىر ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغانلىقىنى، دۆلەتنىڭ جىددىي ھالەتكە كىرگەنلىكىنى جاكارلىدى.

  شۇ كۈنى ھەربىي فورما كىيگەن ئىبنى ئوف سۇدان دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ كۆرۈنۈشىدە پەيدا بولدى. ئۇ، سۇدان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بەشىر ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۇ: بەشىر قولغا ئېلىندى، ھازىر بىخەتەر جايدا، دېدى.

  ئىبىن ئوف يەنە ئىككى يىللىق ئۆتكۈنچى مەزگىلدە دۆلەتنى باشقۇرۇشقا قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن، ھەربىي كومىتېت قۇرۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۇ يەنە ۋاقىتلىق ئاساسىي قانۇننىڭ ۋاقىتلىق توختىتىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

  ئۇ يەنە مۇنۇلارنى جاكارلىدى: دۆلەت ئۈچ ئايلىق جىددىي ھالەتكە كىردى ھەمدە بىر ئاي كېچىدە يۈرۈشنى مەنئى قىلىش يولغا قويۇلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سۇداننىڭ ھاۋا تەۋەلىكى 24 سائەت تاقالدى ھەم سۇداننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قۇرۇقلۇق چېگرا يوللىرى تاكى ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىنغۇچە تاقالدى.

  سۇدان دۆلەت تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى شۇ كۈنى ئەتىگەندە، ھەربىي تەرەپ «مۇھىم بايانات» ئېلان قىلىدىغانلىقىنى، ئاممىنى «كۈتۈپ تۇرۇش»قا مۇراجىئەت قىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر