باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

گېرمانىيە سەئۇدى ئەرەبىستانىغا ھەربىي قورال-ياراق سېتىپ بېرىشنى توختاتقاندەك قىلىدۇ

2018.10.24 10:43         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ئۈلۈشكۈن سەئۇدى ئەرەبىستانىغا قورال ئېكسپورت قىلىشنى ۋاقتىنچە توختىتىش نىيىتىنى بىلدۈردى.

  گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل يېقىندا مۇنداق دېدى: مەن سەئۇدى ئەرەبىستانىلىق مۇخبىر جامال كاشۇجىنىڭ قەستكە ئۇچرىغانلىقىنى «ئەڭ قاتتىق سۆزلەر بىلەن» ئەيىبلەيمەن، بۇ ۋەقەنى جىددىي ئېنىقلاش كېرەك دەپ قارايمەن، چۈنكى «بارلىق پاكىتلارنىڭ ئۈستەلگە قويۇلغانلىقى، قاتىلنىڭمۇ ئەدلىيەنىڭ سوراق قىلىشىغا تاپشۇرۇلغانلىقىنى تېخىچە كۆرمىدۇق. گېرمانىيە سەئۇدى ئەرەبىستانىغا ئەسلىدىنلا چەكلىك ھەربىي قورال سېتىپ بېرەتتى، ھازىرقى ئەھۋالدا بۇنى داۋاملاشتۇرساق بولمىغۇدەك.

  سەئۇدى ئەرەبىستانىغا ھەربىي قورال سېتىپ بېرىش ئىشىدا بولۇپمۇ سەئۇدى ئەرەبىستانى يېتەكچىلىكىدىكى نۇرغۇن ئەرەب ئەللىرى يەمەندىكى ئىچكى ئۇرۇشقا قاتناشقاندىن كېيىن گېرمانىيە دۆلەت ئىچىدە ئىزچىل توسقۇنلۇققا ئۇچراپ كەلگەن. سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن يېڭىدىن ھەربىي قورال سېتىپ بېرىش توختىمى ئىمزالىماسلىق ئۈچۈن، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى بۇلتۇر ئەسلىدىكى توختامنى داۋاملىق ئىجرا قىلىشنى قارار قىلغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر