باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك تەيۋەنلىك قېرىنداشلار دوستلۇق جەمئىيىتى تەيۋەندىكى پويىز رېلىستىن چىقىپ كېتىش ۋەقەسىدە تالاپەتكە ئۇچرىغان يۇرتداشلار ۋە قېرىنداشلارغا تەزىيە بىلدۈردى ۋە ھال سورىدى

2018.10.23 17:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭخۇا مەملىكەتلىك تەيۋەنلىك قېرىنداشلار دوستلۇق جەمئىيىتى 22- ئۆكتەبىر چۈشتە ھال سوراش خېتى ئېلان قىلىپ، تەيۋەندىكى پويىز رېلىستىن چىقىپ كېتىش ۋەقەسىدە تالاپەتكە ئۇچرىغان يۇرتداشلار ۋە قېرىنداشلارغا تەزىيە بىلدۈردى ۋە ھال سورىدى.

  ھال سوراش خېتىدە مۇنداق دېيىلدى: «قەدىرلىك تەيۋەنلىك يۇرتداشلار، قېرىنداشلار: 21-ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن تەيۋەندىكى پۇيوۋما ناملىق پويىزنىڭ يىلەن ناھىيەسىدە رېلىستىن چىقىپ كېتىپ، ئېغىر يارلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلىپ، قاتتىق چۆچۈدۇق. چوڭ قۇرۇقلۇقتا تۇرۇۋاتقان تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ كۆڭلى قاتتىق پەرىشان بولدى، قۇتقۇزۇش ۋە كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتىمىز، شۇنداقلا بارلىق زۆرۈر ياردەملەرنى بېرىشنى خالايمىز.»

  خەتتە مۇنداق دېيىلدى: «ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار قانداش بىر ئائىلە كىشىلىرىدۇر. ئائىلىدىكىلەر تالاپەتكە ئۇچرىغاندا، بىزنىڭمۇ يۈرىكىمىز ئاغرىدى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك تەيۋەنلىك قېرىنداشلار دوستلۇق جەمئىيىتى چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى كەڭ تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا ۋاكالىتەن، قازا قىلغان قېرىنداشلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمىز، قازا قىلغان قېرىنداشلارنىڭ ئائىلە- تاۋابىئاتلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمىز، يارىلانغان قېرىنداشلارنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. قازا قىلغۇچىلارنىڭ خاتىرجەم كېتىشىنى، ھايات قالغانلارنىڭ قەيسەر بولۇشىنى تىلەيمىز.»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر