باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا ئاتلانتىك ئوكياندىن ھالقىغان شېرىكلىك مۇناسىۋىتى كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقىشنى قارار قىلغاندىن كېيىن قالغان 11 دۆلەت كېلىشىمنى داۋاملىق ئىجرا قىلىش مۇددىئاسىنى بىلدۈردى

2017.05.23 14:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گەرچە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ ئامېرىكىنىڭ ئاتلانتىك ئوكياندىن ھالقىغان شېرىكلىك مۇناسىۋىتى كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى قارار قىلغان بولسىمۇ، بىراق قالغان 11 ئەزا دۆلەت ۋيتېنامنىڭ خانويدا ئېچىلغان مىنىستىرلار يىغىنىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلىپ، ئاتلانتىك ئوكياندىن ھالقىغان شېرىكلىك مۇناسىۋىتى كېلىشىمىنىڭ بالدۇرراق كۈچكە ئىگە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدىكى باياناتىنى ماقۇللىغان.

  خەۋەر قىلىنىشىچە، باياناتتا باش سۆھبەت ئەمەلدارلىرىنىڭ 11-ئايدا ئېچىلىدىغان ئاسىيا تىنچ ئوكيان ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدىن بۇرۇن، تىرىشىپ ئاتلانتىك ئوكياندىن ھالقىغان شېرىكلىك مۇناسىۋىتى كېلىشىمىنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇشى ھەققىدىكى تەييارلىق خىزمەتلىرىنى تاماملايدىغانلىقى جەزملەشتۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئامېرىكىنىڭ يېڭىدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان سودا ۋەكىلى رېيتېرىك خانويدا ئاساسلىق سودا شېرىكلىرى بىلەن بىر يۈرۈش ئىككى تەرەپلىك سۆھبەت ئۆتكۈزگەن، بۇ مەلۇم دەرىجىدە تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ مەيدانىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ: بۇ ئاتلانتىك ئوكياندىن ھالقىغان شېرىكلىك مۇناسىۋىتىدەك مۇشۇنداق كۆپ تەرەپلىك سودا كېلىشىمى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، يەككە دۆلەتلەر بىلەن ھاسىل قىلغان ئىككى تەرەپلىك سودا كېلىشىمىنى ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە تېخىمۇ ئۇيغۇنلاشتۇرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر