باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى كەسپىي ماھارەت ئۆستۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ

سۇغۇرتىلانغۇچىلارنىڭ كەسپىي ماھارەت يېتىلدۈرۈش، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىشسىزلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشىغا ياردەم بېرىدۇ

2017.05.23 14:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى سۇغۇرتىلانغۇچىلارنىڭ كەسپىي ماھارەت ئۆستۈرۈشىگە ئىشلىتىلىدۇ. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى بىرلىكتە يېقىندا «ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى بىلەن سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كەسپىي ماھارەت ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىشكە ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ مۇنۇلارنى بېكىتتى: قانۇن بويىچە ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان ۋە 36 ئايدىن ئارتۇق ھەق تۆلىگەن، شۇنداقلا 2017-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن كېيىن تۆۋەن، ئوتتۇرا، ئالىي دەرىجىلىك كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ياكى كەسپىي تېخنىكا دەرىجە گۇۋاھنامىسى ئالغان كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرى سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كەسپىي ماھارەت ئۆستۈرۈش ياردەم پۇلىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، كېرەكلىك مەبلەغ ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى فوندىدىن چىقىم قىلىنىدۇ. ھېسابلاشقا قارىغاندا، يىلدا تەخمىنەن 2 مىليون كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىسى بۇ يېڭى سىياسەتتىن مەنپەئەتلىنىدىكەن.

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: بۇ سىياسەت ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش رولىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم تەدبىرى، بىر تەرەپتىن كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنى ئۇزاق مۇددەت ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كەسپىي ماھارەت ئۆگىنىش ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىشسىزلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق. ئەمگەكچىلەر ياردەم بېرىش ئۆلچىمىگە ھەممىدىن بەك كۆڭۈل بولىدۇ. «ئۇقتۇرۇش»تا ياردەم بېرىش ئۆلچىمىنى ئۆلكە دەرىجىلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقى، مالىيە تارمىقىنىڭ ئۆز يېرىنىڭ ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى فوندىنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالى، كەسپىي ماھارەت يېتىلدۈرۈش، باھالاش ئۆلچىمى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن ئۇنىۋېرسال بېكىتىدىغانلىقى ۋە مۇۋاپىق پەيتتە تەڭشەپ تۇرىدىغانلىقى بېكىتىلدى. شۇنداقلا يەنە ياردەم بېرىش ئۆلچىمىنىڭ يۇقىرى چېكى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، تۆۋەن دەرىجىلىك ئىشچىلارنىڭ 1000 يۈەندىن، ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئىشچىلارنىڭ 1500 يۈەندىن، ئالىي دەرىجىلىك ئىشچىلارنىڭ 2000 يۈەندىن ئاشمايدۇ، ياردەم بېرىش ئۆلچىمى رايونلارنىڭ كەمچىل، جىددىي ئېھتىياجلىق ئىش تۈرىگە مايىللىشىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر