باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسى ئۆز غەلىبىسى ئارقىلىق شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ جۇڭگو پۇتبول ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىكى 100-مەيدان مۇسابىقىسىنى تەبرىكلىدى

جۇڭگو پۇتبول ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسى بىرگە قارشى ئۈچ نەتىجە بىلەن باۋدىڭ روڭدا كوماندىسىنى يەڭدى

2017.05.23 14:15   مەنبە: خەلق تورى

شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسى ئۆز غەلىبىسى ئارقىلىق شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ جۇڭگو پۇتبول ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىكى 100-مەيدان مۇسابىقىسىنى تەبرىكلىدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 21-ماي، جۇڭگو پۇتبولى ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا باۋدىڭ روڭدا كوماندىسىنى كۈتىۋالدى. 90 مىنۇتلۇق كەسكىن مۇسابىقىلىشىشتىن كېيىن، شىنجاڭ كوماندىسى بىرگە قارشى ئۈچ نەتىجە بىلەن باۋدىڭ روڭدا كوماندىسىنى يېڭىپ، بىر مەيدان غەلىبىسى ئارقىلىق شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ جۇڭگو پۇتبول ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىكى 100-مەيدان مۇسابىقىسىنى تەبرىكلىدى.

  ئالدىنقى مەيداندا، ساھىبخان بولۇپ مۇسابىقە ئويناۋاتقان شىنجاڭ كوماندىسى ئۆز مەيدانىدىكى ئارتۇقچىلىقىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، قارشى تەرەپنىڭ ۋاراتارىغا كۆپ قېتىم خەتەرلىك ھۇجۇم قوزغىدى، لېكىن توپ كىرگۈزەلمىدى. ئىككىنچى مەيدان باشلىنىپ 12 مىنۇت بولغاندا، شىنجاڭ كوماندىسى نومۇر تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزدى، يەن جىيۈ ۋۇ پىڭغا پاس بەردى، ۋۇ پىڭ پاسنى ئېلىپ، قارشى تەرەپ ۋاراتارىنىڭ ئالدىغا توپنى تاشلىدى، ئەمدىلا 19 ياشقا كىرگەن ئابدۇخەمىت توپنى ئۈسۈپ كىرگۈزۈپ، نەتىجىنى 1:0 قىلدى. مۇسابىقە باشلىنىپ 65 مىنۇت بولغاندا، باۋدىڭ روڭدا كوماندىسى ئوتتۇرا مەيداندىن چوڭ پاس بىلەن شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ چەكلەنگەن رايونى ئىچىگە توپنى تاشلىدى، خې تەي توپنى توختىتىپ، سالماقلىق بىلەن قاپقىغا ئۇردى، نەتىجە 1:1 بولدى. 75مىنۇت بولغاندا، شىنجاڭ كوماندىسى ئەزاسى شۈ چىن قارشى تەرەپ بېكىنىڭ بېشىدىن ھالقىتىپ، چەكلەنگەن رايون ئىچىگە توپ تاشلىدى، ئابدۇخەمىت ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالدىمۇ توپنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ۋاراتار ئالدىدىكى ئېكۋاللاغا پاس بەردى، ئېكۋاللا توپنى ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى 2:1 قىلىپ ئۆزگەرتتى. 90 مىنۇت بولغاندا، باۋدىڭ روڭدا كوماندىسىغا بىر بۇلۇڭ توپ پۇرسىتى كەلدى، باۋدىڭ كوماندىسى چىقارغان ئۇ بۇلۇڭ توپ شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسىنىڭ بېكى ۋېسىنتى تەرىپىدىن تېپىپ چىقىرىۋېتىلدى، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئەزاسى باباكار ۋېسىنتى تەپكەن توپنى ئېلىپ، ئالدى مەيداندىكى ئېكۋاللاغا پاس بەردى، ئېكۋاللا ۋاراتار بىلەن يەكمۇ-يەك ئۇچرىشىشتا توپنى كىرگۈزۈپ، ئاخىرقى نەتىجىنى 3 تە 1 قىلىپ بېكىتتى. شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسى غەلىبە مېۋىسىدىن نەق مەيداندىكى ئىككى مىڭدىن كۆپرەك پۇتبول مەستانىلىرى بىلەن تەڭ بەھىرلەندى.

  شۇنىڭ بىلەن بۇ پەسىللىك جۇڭگو پۇتبول ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسىنىڭ ئۇدا ئالتە مەيدان ساھىبخان بولۇش پۇرسىتى ئاياغلاشتى. شىنجاڭ كوماندىسى بۇ ئالتە مەيدان ساھىبخان مەيداندا ئۈچ مەيدان يېڭىپ، ئىككى مەيدان تەڭلىشىپ، بىر مەيدان ئۇتتۇردى. كېلەر مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسى دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىگە كىرىشتىكى كۈچلۈك نامزات شېنجىن جياجاۋيى كوماندىسى بىلەن رىقابەتلىشىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى مائارىپىنى خەلقئارالاشتۇرۇشنىڭ ئىستىقبالى پارلاق
    ·دۆلىتىمىزنىڭ ئاۋسترالىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدا «ئۆز خىراجىتى بىلەن چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان دۆلەتلىك…
    ·بۇ يىل پىلان بويىچە 80 مىڭ ئالاھىدە شتات ئوقۇتقۇچىسى قوبۇل قىلىنىدۇ
    ·ئىنگلىز تىلى 4-دەرىجە ئىمتىھانىنىڭ ئەمالار يېزىقىدىكى ئىمتىھان قەغىزىنىڭ تەييارلىق خىزمىتى پۈتتى
    ·ئاپتونوم رايونىمىز مەملىكەت دائىرىسىدىن 22 مىڭ 972 ئوقۇتقۇچىنى ئاشكارا قوبۇل قىلىدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا، ئوقۇغۇچىلار…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: 2017-يىللىق جايلارنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىم…
    ·چوڭ ۋە ئوتتۇرا شەھەرلەر بىرلىشىپ خىزمەتكە تەكلىپ قىلىشنىڭ رايون ھالقىغان سەييارە پونكىتلىرى تۇنجى ب…
    ·جۇڭگو شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى ئافغانىستاننى زىيارەت قىلدى 
    ·شىنجاڭ سانجى ئىنستىتۇتى 29 نەپەر يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈشنى پىلانلىدى