باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «لايىھە» بېسىپ تارقىتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ مەمۇرىيەتنى ئاشكارىلاشنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇردى

2017.05.23 14:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ23-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «ئاساسىي قاتلامنىڭ مەمۇرىيەتنى ئاشكارىلاشنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش لايىھەسى»نى تارقىتىپ، بېيجىڭ شەھىرى، ئەنخۇي ئۆلكىسى، شەنشى ئۆلكىسى قاتارلىق 15 ئۆلكىدىكى 100 ناھىيە (شەھەر، رايون)دا نۇقتىلىق ھالدا شەھەر-يېزا پىلانلاش، مۇھىم قۇرۇلۇش تۈرى قاتارلىق 25 تەرەپنى چۆرىدەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ مەمۇرىيەتنى ئاشكارىلاشنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى بېكىتتى.

  «لايىھە»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئاساسىي قاتلامنىڭ مەمۇرىيەتنى ئاشكارىلاشنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ــــ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ مەمۇرىيەتنى ئاشكارىلاشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەدبىر بەلگىلەش، ئىجرا قىلىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش، نەتىجىسىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى كونكرېت تەدبىرى، ئاساسىي قاتلامنىڭ مەمۇرىيەتنى ئاشكارىلىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەمۇرىيەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت، مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەت قۇرۇشنى تېزلىتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىدە ئېھتىياجغا يېتەكچىلىك قىلىش، مۇھىم بۆسۈش ھاسىل قىلىش، ئۆلچەم ئارقىلىق يېتەكلەش قاتارلىق پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ بىر يىللىق سىناق قىلىش ئارقىلىق كۆپەيتكىلى، ئومۇملاشتۇرغىلى، باھالىغىلى بولىدىغان ئاساسىي قاتلام مەمۇرىيەتنى ئاشكارىلاش ئۆلچىمى ۋە قېلىپىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ مەمۇرىيەتنى ئاشكارىلاش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، مەمۇرىيەت مۇلازىمىتىنىڭ «ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»ىنى تۇتاشتۇرۇش كېرەك.

  «لايىھە»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان ئورۇنلار ھوقۇق-مەسئۇلىيەت تىزىملىكى ۋە جامائەت مۇلازىمىتى ئىشلىرىغا ئاساسەن مەمۇرىيەتنى ئاشكارىلاش ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك رەتلەپ، تۈرلەر بويىچە ئاشكارىلاش ئۆلچىمىنى بېكىتىپ، ئاشكارىلايدىغان ئىشلارنىڭ نامى، ئاساسى ۋە ئاشكارىلاشقا تېگىشلىك مەزمۇن، سۇبيېكت، ۋاقىت چەكلىمىسى، ئۇسۇلى قاتارلىق ئامىللارنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەمۇرىيەتنى ئاشكارىلاش ئۆلچىمىنىڭ مۇندەرىجىسىنى تۈزۈپ چىقىشى كېرەك. ئاشكارىلاش خىزمىتىنىڭ تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئېلان قىلىش، چۈشەندۈرۈش، ئىنكاسنى تەرتىپلىك جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەمۇرىيەتنى ئاشكارىلاش سۇپىسى قۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جامائەتنىڭ تەكشۈرۈش ياكى ئۇچۇرغا ئېرىشىشىگە قولايلىق يارىتىش كېرەك. نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئۆلكىلەر 2017- يىلى 8- ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن كونكرېت يولغا قويۇش لايىھەسى تۈزۈپ، ۋەزىپە تەدبىرلەرنى تەپسىلىيلەشتۈرۈپ، نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان ئورۇننىڭ خىزمەتلەرنى ئۈنۈملۈك، تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، 2018- يىلى 8- ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋەزىپىسىنى تولۇق تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر