باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شېنجېن شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى تېلېگرامما ئەۋەتىپ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان ئاممىدىن ھال سورىدى

2017.05.23 14:36         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شېنجېن شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى يېقىندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان ئاممىدىن ھال سورىدى.

  ھال سوراش تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېيىلدى: 5- ئاينىڭ 11- كۈنى سائەت 5 تىن 58 مىنۇت ئۆتكەندە، شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدە 5.5 بال يەر تەۋرەپ، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزدى. ئاپەت رەھىمسىز، مېھىر- مۇھەببەت چەكسىز. شېنجېن خەلقى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىگە چوڭقۇر ئەھمىيەت بەردى، بىز ئاپەت رايونىنىڭ ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئاتلىنىپ، ئۇلارغا زۆرۈر ياردەم ۋە مەدەت بېرىپ، ئاپەت رايونىدىكى ئامما بىلەن بىرلىكتە ئاپەتكە تاقابىل تۇرىمىز. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما چوقۇم ۋاقتىدا ئاپەتتىن قۇتۇلىدۇ ھەم مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلار نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى چوقۇم تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، يۇرت- ماكانىنى قايتا قۇرۇپ، يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ!


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر