باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

گېرمانىيە تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ھەربىي قىسمىنى يۆتكەپ كېتىپ، ئۆزىگە ئېھتىيات قالدۇرماقچى.

بۇنىڭ بىلەن، گېرمانىيە تۈركىيە بىلەن قارشىلىشتىن قورقمايدىغان بولىدۇ

2017.05.22 16:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گېرمانىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئۇرسۇلا ۋوندېرلېين خانىم 20-ماي ئۆز تەسىراتىنى سۆزلەپ، ئىئوردانىيە ئەزراق ھاۋا ئارمىيە بازىسى بىزدە ياخشى تەسىر قالدۇردى، دېدى. ناۋادا گېرمانىيە تۈركىيەنىڭ ئىنجىرلىكتىكى ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا تۇرۇشلۇق ھەربىي قىسمىنى ئامالسىزلىقتىن يۆتكەپ كېتىشكە توغرا كەلسە، ئىئوردانىيەدىكى ئەزراق ھاۋا ئارمىيە بازىسى ئۇلارنىڭ كېيىنكى تۇرۇشلۇق جايى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

  يېقىندىن بېرى گېرمانىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ مۇناسىۋىتىدە جىددىيلىك كۆرۈلۈپ كەلمەكتە. تۈركىيە گېرمانىيەنىڭ تۈركىيەدە ئۆتكەن يىلى يۈز بەرگەن سىياسىي ئۆزگىرىشكە قاتناشقان كىشىلەرگە سىياسىي پاناھلىق بەرگەنلىكىنى ئەيىپلىدى ۋە بۇنىڭدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن گېرمانىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ تۈركىيەدىكى ئىنجىرلىك ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا بېرىپ گېرمانىيەنىڭ شۇ جايدا تۇرۇشلۇق ھەربىي قىسمىنى يوقلىشىنى چەكلەش بۇيرۇقىنى چۈشۈردى.

  گېرمانىيە ئاشقۇن تەشكىلات «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى»گە زەربە بەرگۈچى كۆپ دۆلەتلىك بىرلەشمە ھەرىكەتكە قاتناشقاندىن بۇيان، تۈركىيەنىڭ ئىنجىرلىكتىكى ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا 250 نەپەر ئەسكەر تۇرغۇزۇپ، ھاۋا بوشلۇقىدا رازۋېتكا قىلىش ۋە ھاۋا بوشلۇقىدا ماي قاچىلاش ۋەزىپىلىرىنى ئۆتىمەكتە. تۈركىيەنىڭ بۇ چەكلەش ئىشىدىن كېيىن، گېرمانىيە تۈركىيەنى قاتتىق ئەيىپلىدى، ھەمدە «ئۆي كۆچۈش» ئارقىلىق، گېرمانىيەنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ھەربىي قىسمىنى باشقا دۆلەتلەرنىڭ بازىسىغا يۆتكەپ ئاپىرىپ ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

  نۆۋەتتە ئىئوردانىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋوندېرلېين خانىم 20-ماي تاراتقۇلارغا ئۆزىنىڭ بىر كۈن ئىلگىرى ئىئوردانىيەدىكى ئەزراق ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى زىيارەت قىلغانلىقىنى، ئۇ يەردە ئۆزىنىڭ چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ بازىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى ناھايىتى زور ئىكەن، بىز ئىئوردانىيە تەرەپنىڭ بىزنى ناھايىتى قىزغىن كۈتىۋالغانلىقىغا ۋە كۆپ قوللىغانلىقىغا چوڭقۇر رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.»

  ئۇ خانىمنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، گېرمانىيە تەرەپ تۈركىيەنىڭ ئىنجىرلىكتىكى ھەربىي بازىسىدا تۇرۇشلۇق گېرمانىيە ھەربىي قىسمىنىڭ يۆتكىلىشى توغرىسىدىكى ئاخىرقى قارارىنى تېخى چىقارمىغان ئىكەن، لېكىن ناۋادا يۆتكىلىش توغرا كېلىپ قالسا، بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدىن تەييارلىق قىلىپ قويىدىغانلىقى ئېنىق ئىكەن. گېرمانىيە ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ دۆلەت سىرتىدا تۇرۇشلۇق ھەربىي قىسىملارنى يوقلاپ تۇرۇشى ۋە زىيارەت قىلىپ تۇرۇشى ئىنتايىن مۇھىم.

  بۇ، گېرمانىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ھەربىي قىسىمىنى زىيارەت قىلىشىنى تۈركىيە تەرەپنىڭ تۇنجى قېتىم رەت قىلىشى ئەمەس. گېرمانىيە فېدىراتسىيە پارلامېنتى بۇلتۇر 6-ئايدا قارار ماقۇللاپ، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى زور بىر تۈركۈم ئەرمەنلەرنىڭ ئۆلۈم ۋەقەسىنى "ئىرقى قىرغىنچىلىق" دەپ بېكىتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، گېرمانىيەنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ۋەكىللىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ ئىنجىرلىكتىكى بازىسىغا بېرىپ، شۇ بازىدا تۇرۇشلۇق گېرمانىيە ھەربىي قىسىملىرىنى يوقلىشىنى ۋە زىيارەت قىلىشىنى تۈركىيە تەرەپ چەكلىگەن ئىدى.

  «ئەرمېنىيە چوڭ قىرغىنچىلىقى» بولسا، 1915- يىلىدىن 1917- يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيىسى ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان مەزگىلدە، زور كۆپ ساندىكى ئەرمەنلەرنىڭ ئۆلۈش ۋەقەسىنى كۆرسىتىدۇ، ئەرمېنىيە بۇنى «زور قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتكەن بولۇپ، ئۇنىڭدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ سانى بىر مىليون 500 مىڭ ئادەمدىن ئاشىدىكەن. تۈركىيە تەرەپ بولسا، بۇنىڭ «چوڭ قىرغىنچىلىق» ئىكەنلىكىنى ئىزچىل ئىنكار قىلغان ۋە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى مۇبالىغىلەشتۈرۋىتىلگەن دەپ قارىغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە:خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر