باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قومۇل شەھىرى دەل جايىدا كۈچەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ «بىرىكمە مۇشت»ىنى ياخشى ئاتتى

ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز جاڭ يۇشېڭ، كۇ جۈنفېڭ

2017.05.23 14:35         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  − ئىلگىرىكى كۈنلىرىمىزنى «توپا- چاڭ» ئىچىدە ئۆتكۈزەتتۇق، كېسەك ئۆي، توپا ھويلا، توپا يوللاردا يۈز- كۆزلىرىمىزنى كۆرگىلى بولمايتتى،− دېدى 5- ئاينىڭ 18- كۈنى قومۇل شەھىرىنىڭ ئېۋىرغول رايونى تەڭرىتاغ يېزىسى تۇداۋگۇ كەنتىدىكى دېھقان ئەكبەر ئىدىرىس يېڭى زىننەتلىگەن ئۆيىدە ئىلگىرىكى كۈنلەر بىلەن ھازىرقى ئۆزگىرىشلەر ئۈستىدە توختىلىپ.

  ئەكبەر ئىدىرىس مۇنداق دېدى: ئاسفالت يوللار ئىشىك ئالدىمىزغىچە تۇتاشتى، يول چىراغلىرى كەنت كېچىسىنى كۈندۈزدەك يورۇتۇپ تۇرىدۇ، يېڭى ئۆيلەرنىڭ ئەسلىھەلىرى تولۇق، پاكىز، رەتلىك، 52 قانالدا تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنى خالىغانچە كۆرەلەيمىز، كەنتنىڭ ھەممىلا يېرى دەل- دەرەخ ۋە گۈللەر بىلەن تولغان، بۇ تۇرمۇشتىن بىز تولىمۇ رازى. ئىككى بالام بار، قىزىم شەھەردىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە، ئوغلۇم كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇيدۇ، ئۇلار مەكتەپكە مەكتەپ ئاپتوبۇسىدا بېرىپ- كېلىدۇ، چۈشتە مەكتەپ ئاشخانىسىدا غىزالىنىدۇ. مەن شەھەردىكى تىجارىتىمنى تاشلاپ، كەنت ئاھالە كومىتېتى كادىرلار قوشۇنىغا قوشۇلدۇم، خوتۇنۇم كەنتنىڭ تازىلىق- كۆكەرتىش ئىشلىرىنى قىلىدۇ، ئائىلىمىز باقمىچىلىق، باغۋەنچىلىك ۋە ئىشلەمچىلىك قىلىپ، يىلدا 50 مىڭ يۈەندىن 60 مىڭ يۈەنگىچە كىرىم قىلىمىز. ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ سىياسىتى كۈندىن- كۈنگە ياخشى بولۇپ كەتتى، پەقەت تىرىشساقلا تۇرمۇشىمىز تېخىمۇ گۈللىنىدۇ.

  ئەكبەر ئىدىرىسنىڭ ئائىلىسىدىكى ئۆزگىرىشلەر دەل قومۇل شەھىرى يولغا قويغان يۆلەش- ئېچىش ئارقىلىق كەنت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قۇرۇلۇشى ۋە ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ كىچىكلىتىلگەن كارتىنىسى.

  كەنت تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يېڭى قىياپەت نامايان قىلىندى

  2012- يىلىدىن بۇيان «بىر تۇتاش پىلانلاش، مەركەزلەشتۈرۈپ مەبلەغ سېلىش، تەرەپلەر ئۆز نەتىجىسىنى ئۆزى خاتىرىلەش» پىرىنسىپى بويىچە، قومۇل شەھىرى ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ يۆلەش- ئېچىش ئاكتىپلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەبلەغنى بىرلەشتۈرۈپ، كەنت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى تېزلەتتى. «12- بەش يىل»دا 2 مىليارد 100 مىليون يۈەننى 65 نامرات كەنتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىگە ئىشلەتتى، ھازىر بۇ نامرات كەنتلەرنىڭ ھەممىسى «توققۇزدا راۋان بولۇش، توققۇزى بار بولۇش، توققۇز ئىقتىدارغا ئىگە بولۇش» قۇرۇلۇش ئۆلچىمىگە يەتتى.

  ئاراتۈرۈك ناھىيەسىنىڭ تۇركۆل بازىرى ئارا مەھەللە كەنتىدىكى نامرات دېھقان ساۋۇت ئەبەيدۇللا مۇنداق دېدى: مەندەك بىر نامراتنىڭ بۇنداق ياخشى بىنا ئۆيدە ئولتۇرالىشىمنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم، تۇرمۇشىمىز پۈتۈنلەي ئۆزگەردى، پارتىيەنىڭ سىياسىتى بەك ياخشى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى نامرات دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇشىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش ھاسىل قىلدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، تۇزكۆل بازىرىدا بەش يىل ئىلگىرى بىرمۇ تۇرالغۇ بىناسى سېلىنمىغان ئىكەن، مەركەزلەشتۈرۈپ ئىسسىتىش، تۇرۇبا سۈيى ۋە يۇندى چىقىرىش تورىمۇ يوق ئىكەن، پاكىز- ئەرزان تەبىئىي گازدىن ئېغىز ئېچىش تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىكەن، ھازىر بۇلارنىڭ ھەممىسى رېئاللىققا ئايلىنىپتۇ. بۈگۈنكى تۇزكۆل بازىرىدا يوللار راۋان، مۇلازىمەت سەرخىللاشقان، ئۇل ئەسلىھەلەر مۇكەممەللەشكەن، ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىدە ماھىيەتلىك ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرگەن بولۇپ، تۇزكۆل بازىرىنىڭ تۆت كەنتىدىكى 754 ئائىلىلىكنىڭ ھەممىسى بىنا ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرىپتۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 180 ئائىلىلىك نامرات ئائىلە ئىكەن.

  كەنت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى يولغا قويۇشتا، قومۇل شەھىرى «بەش %100»لىك ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى، يەنى 2016- يىلى شەھەردىكى %100 نامرات كەنتكە تۇرۇبا سۈيى %100 تۇتاشتۇرۇلدى، توك %100 ئۇلاندى، يوللار %100 ئاسفالتلاشتۇرۇلدى، رادىيو- تېلېۋىزىيە %100 تۇتاشتۇرۇلدى، ئالاقە تورى بىلەن %100 قاپلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  بايلىقلار بىرلەشتۈرۈلۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ «بىرىكمە مۇشت»ى ياخشى ئېتىلدى

  ئېۋىرغول رايونىنىڭ تەڭرىتاغ يېزىسى سەنداۋگۇ كەنتىدىكى 57 ياشلىق چارۋىچى ئەمەت يارى نامرات ئائىلە بولۇپ، 11 قوي، بەش كالا، 7.8 مو يەر ئۇنىڭ بارلىق بىساتى ئىدى.

  2016- يىلى قومۇل شەھىرىنىڭ يۆلەش- ئېچىش تارماقلىرى ۋە ئېۋىرغول رايونى تەڭرىتاغ يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ماسلاشتۇرۇپ ۋاسىتە بولۇشى ئارقىسىدا، ئەمەت يارى 50 مىڭ يۈەن نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش مەخسۇس قەرز پۇل مەبلىغىگە ئىلتىماس قىلىپ ئېرىشىپ، ئىشلەپچىقىرىشنى يۈكسەلدۈرۈشكە ئىشلەتتى، بۇنىڭدىن باشقا ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە، ئۇ يەنە كەنتتە تازىلىقچى بولۇپ ئىشلەپ، ئايدا 1000 يۈەن مائاش ئالالايدىغان بولدى.

  − بۇ كىرىملەرنىڭ تۇرمۇشۇمغا زور ياردىمى بار، كەنتىمىز ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇۋاتىدۇ، مەنمۇ بۇنىڭغا پائال قاتنىشىپ، ساياھەتچىلىك ئارقىلىق كىرىمىمنى ئاشۇرۇپ، كۈندىن- كۈنگە ياخشى تۇرمۇش كەچۈرىمەن،− دېدى ئەمەت يارى.

  2016- يىلدىن بۇيان قومۇل شەھىرى «ئۈچ قەدەملىك» نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى نىشانىنى چۆرىدەپ، سىياسەتلەرنى دەل جايىدا ئىشلىتىشتە ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، دەل جايىدا ئىلگىرى سۈرۈشكە ھەقىقىي كۈچەپ، «پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ <100 كارخانا 100 كەنتكە ياردەم بېرىش> نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش مەخسۇس ھەرىكەت لايىھەسى» قاتارلىق «16 + 1» يانداش لايىھەلەرنى تۈزۈپ، «قۇرۇلۇشلارنى يۈكسەلدۈرۈش- مۇكەممەللەشتۈرۈش ئون چوڭ مەخسۇس ھەرىكىتى»نى يولغا قويۇپ، بايلىقلارنى بىرلەشتۈرۈپ، دەل جايىدا كۈچەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ «بىرىكمە مۇشت»ىنى ياخشى ئاتتى.

  «12- بەش يىل» قومۇل شەھىرىنىڭ يۆلەش- ئېچىش سالمىقى ئەڭ زور بولغان، نامرات دېھقان- چارۋىچىلار ئەڭ كۆپ نەپكە ئېرىشكەن، نامرات يېزا- كەنتلەرنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئەڭ تېز بولغان بەش يىل، شۇنداقلا نامرات ئاھالە زور دەرىجىدە ئازلىغان، نامرات يېزا- كەنتلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش- تۇرمۇش شارائىتى ۋە ئۇنىۋېرسال قىياپىتى روشەن ياخشىلانغان بەش يىل بولدى. 2016- يىلدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى بويىچە قۇرۇلۇشلارنى يۈكسەلدۈرۈش- مۇكەممەللەشتۈرۈش ئون چوڭ مەخسۇس ھەرىكىتىگە تايىنىپ، قومۇل شەھىرى 2016- يىلى ھازىرقى ئۆلچەم بويىچە 16 مىڭ نامرات ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى تاماملىدى، 28 نامرات كەنت نامرات كەنت قاتارىدىن چېكىندۈرۈلدى، ئارا تۈرۈك ناھىيەسى ۋە بارىكۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تەكشۈرۈشى ۋە 3- تەرەپ باھالىشىدىن ئۆتتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر