باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى «ئالاقە تورى ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمەت ئىجازەتنامىسىنى باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى»نى ئېلان قىلدى

2017.05.23 14:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى 22-ماي «ئالاقە تورى ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمەت ئىجازەتنامىسىنى باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «قائىدە» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلدى، 2017-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: تەپسىلىي قائىدە چىقىرىشتىكى مەقسەت «ئالاقە تورى ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»دىكى ئالاقىدار ماددىلارنى يەنىمۇ تەپسىلىلەشتۈرۈپ، ئالاقە تورى ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمىتى ئىجازەتنامىسىنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئىلمىيلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئالاقە تورى ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمىتىنىڭ ساغلام، تەرتىپلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت.

  تەپسىلىي قائىدە 18 ماددىدىن تەركىب تاپقان، بۇنىڭ ئىچىدە 1-ماددىدىن 3-ماددىغىچە مەقسەت ئاساسى، تەتبىقلاش دائىرىسى، مۇلازىمەت تۈرىگە قويۇلىدىغان تەلەپ؛ 4-ماددىدىن 8-ماددىغىچە، ئالاقە تورى ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمىتىنىڭ ئىجازەت شەرتى، ئىلتىماس ماتېرىيالى، بىخەتەرلىك باھالىشىغا قويۇلىدىغان تەلەپ؛ 9-ماددىدىن 11-ماددىغىچە، ئىجازەتنى قوبۇل قىلىش، ئىجازەتنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، ئىجازەت بېرىش قارارىغا قويۇلىدىغان تەلەپ؛ 12-ماددىدىن 16-ماددىغىچە، ئىجازەت ئۆزگەرتىش، داۋاملاشتۇرۇش ۋە تىزىمدىن ئۆچۈرۈش شەرتى، ماتېرىيالى، تەرتىپىگە قويۇلىدىغان تەلەپ؛ 17-ماددىسىدا، ئارىلاپ تەكشۈرۈش، باھالاش قاتارلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا قويۇلىدىغان تەلەپ؛ 18-ماددىسىدا، كۈچكە ئىگە ۋاقىتقا قويۇلىدىغان تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر