باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يىپەك يولى جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىك تېخنىكا ھەمكارلىق ئىتتىپاقى قۇرۇلدى

2017.05.23 13:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23 - ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، گەنسۇ جۇڭگو تېبابىتى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قارمىقىدىكى دوختۇرخانا گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى ھەر دەرىجىلىك 40 نەچچە دوختۇرخانا بىلەن، ھەمدە رۇسىيە دوستلۇق ئۇنىۋېرسىتېتى شەرق ئىنستىتۇتى بىلەن بىللە «يىپەك يولى جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىك تېخنىكا ھەمكارلىق ئىتتىپاقى» قۇرۇش توغرىسىدا گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ لەنجۇ شەھىرىدە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. ئىتتىپاق ئەزالىرى ئارىسىدا «بىر بەلباغ، بىر يول»دىكى جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىك ھەمكارلىقى ئۈستىدىن كېلىشىم ھاسىل قىلدى.

  كېلىشىمگە ئاساسەن، بۇ ھەمكارلىق ئىتتىپاقىنىڭ ئەزالىرى جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىك ساھەسىدىكى مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىسلىرىنى ھەمكارلىق دوختۇرخانىلىرىغا ئەۋەتىپ، قەرەللىك ياتاق تەكشۈرۈش ۋە دىياگنوز قويۇش، ئىلمىي لېكسىيەنى قانات يايدۇرۇش، ئوپېراتسىيەگە يېتەكچىلىك قىلىش؛ قوش يۆنىلىشلىك يۆتكەپ داۋالاش يېشىل يولىنى بەرپا قىلىش؛ دوختۇرخانا ئىچىدە ئىشلەنگەن دورا سۇيۇقلۇقىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش دېگەندەك بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ھەر قايسى ئىتتىپاق ئەزالىرىنىڭ داۋالاش، ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات ۋە باشقۇرۇش دېگەندەك جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئوخشاش بولمىغان قاتلامدىكى داۋالاش ئورۇنلىرىنىڭ ھەمتۈرتكە مېخانىزمىنى قۇرۇپ چىقىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرماقچى.

  يىپەك يولى جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىك تېخنىكا ھەمكارلىق ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇلۇشى گەنسۇ ئۆلكىسىدىكى رايونلار داۋالاش بىرلەشمىسىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يول ئاچماقتا، ھەرقايسى ئەزا دوختۇرخانىلارنىڭ ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ئۆتنە-يېرىم قىلىشىپ، ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئېلىپ كەمچىلىكلىرىنى تولدۇرۇشقا ۋە ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشىغا ياردىمى بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر