باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە تۇنجى باغچا رايونى مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇلدى

2017.05.22 16:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 19-ماي، شىنجاڭدىكى تۇنجى «ئالاقە تورى +» ئەندىزىسى ئارقىلىق يېتەكلىنىدىغان ئېچىۋىتىلگەن باغچا رايونى جامائەت مۇلازىمەت سۇپىسى ئۈرۈمچىدە رەسمىي قۇرۇلدى.

  بۇ مۇلازىمەت سۇپىسىدا، «ئالاقە تورى +» ئەندىزىسى ئارقىلىق «تور ئۈستى ۋە تور ئاستى»دىكى بايلىقلار بىرىكتۈرۈلۈپ، كومپيۇتېر تورى، يانفون قوللىنىش يۇمشاق دېتالى ۋە ئۈندىدار دېگەندەك يوللار بىلەن باغچا رايونى، كارخانا، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى قاتارلىق ئورۇنلار ھەرخىل سىياسەت، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ۋە سودىگەر چاقىرىش ئۇچۇرى قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىن ئېتىلىپ، شىركەتلەرنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتىكى قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىلىدۇ.

  ھازىرغا قەدەر سۇپىغا ئۇلىنىپ باشقۇرۇلىدىغان باغچا رايونى 93كە، تىزىملاتقان كارخانىلار 21 مىڭ 628گە، سۇپىغا ئۇلانغان پۇل مۇئامىلە سۇپا ئاپپاراتلىرى 121گە، پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتىدىن 150ى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، كارخانىلار ئىلتىماس قىلغان مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تۈرى 613كە، ئىلتىماس قىلىنغان مەبلەغ 103 مىليارد 860 مىليون يۈەنگە، باغچا رايونىدا ئېلان قىلىنغان سودىگەر چاقىرىش تۈرى 1247گە يەتتى.

  باغچا رايونىدىكى كارخانا، شىركەتلەردىن %70ى مۇلازىمەت سۇپىسىغا تىزىملاتتى، ئاپتونوم رايون ئىچىدىكى بارلىق بانكىلار ۋە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ھەممىسى بۇ مۇلازىمەت سۇپىسىغا ئۇلاندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر