خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 20-ماي، قاراماي شەھىرىدە «ھىندى ئوكياندىن كەلگەن ئىللىقلىق ۋە تەسەۋۋۇر» تېمىسىدىكى بىر مەيدان گۋادار پورتىدىن كەلگەن يېڭى دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى تېتىپ بېقىش ۋە چۈشىنىش كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى. نەق مەيداندىكى ئىككى توننا چوڭقۇر دېڭىز بېلىقلىرى ھاۋا تىرانسپورتى ئارقىلىق 34 سائەتتە پاكىستاندىن شىنجاڭغا ئېلىپ كېلىنىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولدى.__ ناھايىتى يېڭىكەن، تەمىمۇ شۇنداق مېزىلىك، __ شەھەر ئاھالىسىدىن بىرى شۇنداق دېدى. كۆرگەزمە يېڭى باشلىنىشى بىلەنلا، كۆرگەزمىگە كەلگەنلەر دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى تېتىپ بېقىش پائالىيىتىگە بەس-بەس بىلەن قاتناشتى، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر دېڭىز مەھسۇلاتلىرىدىن سېتىۋالدى.
مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ تۈركۈمدە چوڭ راك، قىزىل چىپار بېلىق، قارا چىپار بېلىق، پومفرىت بېلىقى قاتارلىق 16 تۈرلۈك ھىندى ئوكياننىڭ چوڭقۇر دېڭىز ۋە ياۋا دېڭىز مەھسۇلاتلىرى 17-ماي پاكىستاننىڭ گۋادار پورتىدىن يولغا چىقىپ، ھاۋا تىرانسپورتى ئارقىلىق كاراچى، بېيجىڭ، ئۈرۈمچىدىن ئۆتۈپ، 34 سائەتلىك مۇساپە ئارقىلىق، 19-ماي چۈشتىن بۇرۇن قارامايغا يېتىپ كەلگەن.
__ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى قارامايغا تېپىلغۇسىز ياخشى تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى، 2015-يىلى قاراماي شەھىرى بىلەن گۋادار شەھىرى ئۆزئارا دوستانە شەھەر مۇناسىۋىتى ئورناتتى، دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھاۋا تىرانسپورتى ئارقىلىق قارامايغا ئېلىپ كېلىنىشى بىر ھېسابتا قاراماي بىلەن گۋادار پورتىنىڭ ھاۋا يولىنى ئاچقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ، بۇنىڭدىن كېيىن كىشىلەرنىڭ چىقىپ-كىرىشى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى، __ قاراماي شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ خۇا شۇنداق دېدى.
ۋاڭ خۇا يەنە مۇنداق دېدى: بۇ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە قارامايدىن «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسىدىكى دۆلەتلەرگە بارىدىغان ھاۋا يولىنىڭمۇ ئېچىلىپ، قاراماي شەھىرىنىڭ خەلقئارالىق رايون مەركىزى شەھىرى بولۇشىنى ئىلگىرى سۈردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى