باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

334 تۈرلۈك دۆلەت ئۆلچىمى ئېلان قىلىندى

دېھقانلار كالېندارىنى ھېسابلاپ تۈزۈش تۇنجى قېتىم ئۆلچەمگە كىرگۈزۈلۈپ، ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇش بىردەك بولماسلىق مەسىلىسى ھەل قىلىندى

2017.05.23 14:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت سۈپەت تېخنىكا نازارەتچىلىكى باش ئىدارىسى، دۆلەت ئۆلچەملەشتۈرۈشنى باشقۇرۇش كومىتېتى يېقىندا يەر تەۋرەشكە جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇش ۋە خەۋپتىن ساقلىنىش، «دېھقانلار كالېندارىنى ھېسابلاپ تۈزۈش ۋە يولغا قويۇش» قاتارلىق 334 تۈرلۈك دۆلەت ئۆلچىمىنى ئېلان قىلدى، بۇ ئاممىنىڭ تۇرمۇشى، جامائەت خەۋپسىزلىكى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قاتارلىق كۆپ تەرەپكە چېتىلىدۇ.

  بۇنىڭ ئىچىدىكى «دېھقانلار كالېندارىنى ھېسابلاپ تۈزۈش ۋە يولغا قويۇش»تا جۇڭخۇا مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە دېھقانلار كالېندارىنى ھېسابلاپ تۈزۈش ۋە يولغا قويۇش تۇنجى قېتىم ئۆلچەم دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، دېھقانلار كالېندارى بويىچە ھېسابلاشنى قېلىپلاشتۇرۇشتىكى بوشلۇقنى تولدۇردى.

  جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى زىجىنشەن رەسەتخانىسىنىڭ مۇئاۋىن تەتقىقاتچىسى چېڭ جو تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئۇزاقتىن بۇيان، ئاشكارا تارقىتىلغان دېھقانلار كالېندارى مەھسۇلاتلىرىدا ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇشى بىردەك بولماسلىق، مەۋسۇم ۋاقتى بىردەك بولماسلىق ھەتتا مۇھىم ئەنئەنىۋى بايراملار بىردەك بولماسلىقتەك مەسىلىلەر كۆرۈلدى، مەسىلەن ئوخشاش بولمىغان نۇسخىلاردا 2013-يىللىق تاڭزۇڭزا بايرىمىنىڭ ۋاقتى ئوخشاش بولمىدى. بۇ جامائەتنى گاڭگىرىتىپ ۋە ئىشلىتىشتە قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلدى. دېھقانلار كالېندارىنى ھېسابلاپ تۈزۈشتە قۇياش بىلەن ئاي شارىنىڭ ئالدىن مەلۇمات بېرىش ئورنى ۋە بەلگىلىك ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇش قائىدىسى ئاساس قىلىنىدۇ، شۇڭا قۇياش بىلەن ئاي شارى ئورنى ئالدىن مەلۇماتىنىڭ توغرىلىق دەرىجىسىدىكى پەرق ۋە ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇش قائىدىسىنىڭ ئوخشىماسلىقى دېھقانلار كالېندارى ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇش نەتىجىسىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر