باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ساياھەت قىلىش سانلىق كۆرسەتكۈچى

رۇسىيە تەرتىپ بويىچە 44- ئورۇندا تۇرىدىكەن

2017.05.23 14:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23 - ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا ئېلان قىلىنغان پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ساياھەت قىلىشتىكى ئەڭ يېڭى سانلىق كۆرسەتكۈچى ئىچىدە رۇسىيە 44- ئورۇندا تۇرغان.

  خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ساياھەت قىلىشتىكى ئەڭ يېڭى سانلىق كۆرسەتكۈچى تىزىملىكىدە كۆرسىتىلىشىچە، تەرتىپ بويىچە ئالدىنقى بەش ئورۇندا تۇرىدىغان دۆلەتلەر ئايرىم-ئايرىم ھالدا مالايشىيا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ( قىسقارتىلمىسى)، ھىندونېزىيە، تۈركىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان دېگەندەك دۆلەتلەر ئىكەن، رۇسىيە ئۇنىڭ بۇرۇنقى تىزىملىكىدىكى 49- ئورۇن بىلەن سېلىشتۇرغاندا 44- ئورۇنغا چىققان. ئۇ تىزىملىكتە كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر مۇسۇلمان دۆلەتلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ساياھەت قىلىش سانلىق كۆرسەتكۈچى ئىچىدە تەرتىپ بويىچە ئالدىنقى ئۈچ ئورۇندا تۇرىدىغان دۆلەت ئايرىم-ئايرىم ھالدا سىنگاپور، تايلاند ۋە ئەنگلىيە دېگەندەك دۆلەتلەر ئىكەن.

  ئۇنىڭدىن باشقا، مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسى تەركىبىدىكى دۆلەتلەر بولسا، مەسىلەن قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە ئۆزبېكىستان دېگەندەك تۆت دۆلەتمۇ مەزكۇر تىزىملىككە كىرگەن، بۇ دۆلەتلەرنىڭ رەت تەرتىپى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 17-، 25-، 26- ۋە 28- ئورۇندا تۇرىدىكەن.

  پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ساياھەت قىلىش سانلىق كۆرسەتكۈچى ئاساسلىقى نىشانلىق جايغا قارىتا تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلەرنى ئاساس قىلىپ نومۇر قويغان، مەسىلەن، مۇلازىمەت سۈپىتى، مۇسۇلمانچە مەھسۇلاتلىرى، ساياھەت قىلىش ۋە قونۇش مەسىلىسى، سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى ۋە زىيارەتكە كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ئادەم (قېتىم) سانى دېگەندەك تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلەردىكى ئىپادىلىرى ئۇنىۋېرسال ئومۇمىيلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن ئاندىن ئۇ نومۇر كۆرسەتكۈچلەر ھاسىل قىلىنىدۇ.

  2020- يىلىغا بارغاندا، مۇسۇلمانلارنىڭ ساياھەت قىلىش بازىرىدىكى سانى 156 مىليون ئادەم قېتىمغا يېتىپ، سودا سوممىسى 220 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىشى مۆلچەرلەنگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر