باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سودا مىنىستىرلىقى ئالدىنقى تۆت ئېيىدىكى ئېلىمىزنىڭ چەتئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى ئېلان قىلدى

2017.05.23 14:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سودا مىنىستىرلىقى بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى تۆت ئېيىدىكى ئېلىمىزنىڭ چەتئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىش ئەھۋالى ۋە ئېلىمىزنىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» بويىدىكى دۆلەتلەرگە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىق ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى.

  بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى تۆت ئېيىدا، مەملىكەت بويىچە يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان چەتئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانا 9726 بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17.2 ئاشتى؛ ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىلگەن چەتئەل مەبلىغى 286 مىليارد 410 مىليون يۈەن بولۇپ، %0.1 تۆۋەنلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، 4-ئايدا، مەملىكەت بويىچە يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان چەتئەل مەبلىغى كارخانىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %42.7 ئاشتى، ئەمەلىيەتتە جەلپ قىلىنغان چەتئەل مەبلىغى 59 مىليارد 910 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.3 تۆۋەنلىدى. سودا مىنىستىرلىقى چەتئەل مەبلىغى مەھكىمىسىنىڭ كۆزەتكۈچىسى ساۋ خۇڭيىڭ 4-ئايدا جەلپ قىلىنغان چەتئەل مەبلىغىنىڭ تۆۋەنلىشىگە قارىتا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بەزى ئايلاردا يۈز بەرگەن داۋالغۇش چەتئەل مەبلىغىنىڭ ئۇزاق مۇددەت مۇقىم بولۇشىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. بۇنىڭدىكى سەۋەب شۇ ئايلىق چەتئەل مەبلىغى سانىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىدىن بولغان، بەلكىم مەلۇم بىر چوڭ تۈرگە ئالدىنقى ئايدا مەبلەغ سېلىنغان بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا ئالدىنقى ئايدا مەبلەغ سوممىسى بىر قەدەر چوڭ بولغان، كېيىنكى ئايدا ئازىيىشى مۇمكىن.

  كەسىپ جەھەتتىن قارىغاندا، مۇلازىمەتچىلىكتە جەلپ قىلىنغان چەتئەل مەبلىغى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.5 ئېشىپ، ئېلىمىزنىڭ چەتئەل مەبلىغى ئومۇمىي مىقدارىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %74.2 كە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى مۇلازىمەت، مۇھىتنى ئۆلچەش ۋە تىزگىنلەش مۇلازىمىتى قاتارلىق يۇقىرى تېخنىكا مۇلازىمەتچىلىكىگە ئايلاندۇرۇشقا جەلپ قىلىنغان چەتئەل مەبلىغىنىڭ ئېشىشى بىر قەدەر تېز بولغان. ساۋ خۇڭيىڭ « چەتئەل مەبلىغىنىڭ چېكىنىش دولقۇنىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى» ئىنكار قىلدى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: ئاز ساندىكى كارخانىلار مەھسۇلاتىنى تەڭشىدى ياكى يېڭى ئىشلەپچىقىرىش ئورنىنى كۆپەيتتى، بۇ باشقا دۆلەتلەرگە بارسىمۇ نورمال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگو بازىرىنىڭ ئەھۋالىدىن قارىغاندا، بۇنىڭغا ئوخشاش ئاتالمىش چوڭ كۆلەملىك چېكىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى.

  بۇنىڭدىن باشقا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى تۆت ئېيىدا ئېلىمىزنىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» بويىدىكى دۆلەتلەرگە پۇل مۇئامىلىدىن باشقا تۈرلەرگە بىۋاسىتە سالغان مەبلىغى جەمئىي 3 مىليارد 980 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا، يېڭىدىن ئىمزالىغان توختام سوممىسى 31 مىليارد 850 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.3 ئاشتى. بىر بەلباغ بىر يول بويىدىكى دۆلەتلەر جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ چەتئەلگە مەبلەغ سېلىش مۇنبەت تۇپرىقىغا ئايلاندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر