باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتكەن %98 باج تاپشۇرغۇچىنىڭ باج سېلىقى يەڭگىللەتتى ياكى تەڭلەشتۈرۈلدى

2017.05.23 14:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ دۆلەت باج باش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، باج ئورگانلىرى تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش مۇھىم تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، 3-ئايدىن باشلاپ مەملىكەت بويىچە تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش سىياسىتى بويىچە مەملىكەت مىقياسىدا يېتەكچىلىك قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، باج تاپشۇرغۇچىلارنى سىياسەت ۋە بەلگىلىمىلەرنى تېخىمۇ دەل جايىدا ئىگىلەش، باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن تېخىمۇ تولۇق بەھرىلىنىش، كىرىم باج سوممىسىنى تېخىمۇ تولۇق توغرىلاپ چىقىرىۋېتىش، باجغا ئالاقىدار ئىشلارنى بېجىرىشنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، باج كېمەيتىش «قىزىل بولىقى» غا ئېرىشىش بىلەن بىللە، يەنە يېڭى باج تۈزۈمىگە تېخىمۇ ياخشى ماسلىشىپ، ئىسلاھات ئۈنۈمىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئاشۇردى.

  ئىگىلىنىشچە، تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش سىناق تەرىقىسىدە ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلغان بىر يىلدىن بۇيان، سىناق نۇقتىسىدىكى باج تاپشۇرغۇچىنىڭ %98 تىن كۆپرەكىنىڭ باج سېلىقىنى يەڭگىللىتىش ياكى تەڭلەشتۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، تېخىمۇ كۆپ باج تاپشۇرغۇچىلار ئىسلاھات ئېلىپ كەلگەن باج كېمەيتىش سىياسىتىدىن بەھرىمەندى، بىراق تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، يەنە ئاز ساندىكى باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ باج سېلىقى ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئاشتى. باج سېلىقى ئاشقان بۇ باج تاپشۇرغۇچىلار بۇ نۆۋەتلىك تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش سىياسىيى بويىچە يېتەكلەشتىكى نۇقتىلىق ياردەم بېرىش ئوبيېكتى ھېسابلىنىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر