باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تاشيول ppp تۈرىنىڭ ئىلگىرىلىشى ئوڭۇشلۇق بولدى

يېرىمغا يېقىن تۈردە ئىش باشلاندى ياكى خېرىدار چاقىرىش پىلانلاندى

2017.05.23 14:37         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تاشيول ppp (ھۆكۈمەت ۋە ئىجتىمائىي كاپىتال ھەمكارلىقى) تۈرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىدە ئۈنۈم كۆرۈلۈپ، 86 ppp تۈرىنىڭ 36سىگە خېرىدار چاقىرىش ئېلانى بېرىلگەن ياكى ئاينىڭ ئاخىرىغىچە جەمئىيەتتىن ئاشكارا خېرىدار چاقىرىش پىلانلانغان.

  ئۇقۇشىمچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇ يىللىق قاتناش قۇرۇلۇشى تۈرى 4410بولۇپ، جەمئىي 757 مىليارد 100 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىكەن، بۇ يىل 200 مىليارد 600 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانلانغان. ئاپتونوم رايون ppp قۇرۇلۇشى ئەندىزىسىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، مەبلەغ سېلىش ۋە يۈرۈشتۈرۈشتىكى قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلغان.

  ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش- تىرانسپورت نازارىتىنىڭ نازىرى زۇلپىيە ئابدۇقادىر مۇنداق دېدى: قاتناش- تىرانسپورت نازارىتىنىڭ ئۆز دەرىجىلىك ppp تۈرى 11 بولۇپ، بۇ يىل 21 مىليارد 100 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانلاندى، بۇنىڭ ئىچىدە بېيجىڭ- شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك (G7) يولىنىڭ ۋۇتۇڭ داچۈەن- مورى يۇقىرى سۈرئەتلىك يول قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئۈچ تۈرنى بىرلىشىپ ھۆددە ئېلىشقا جەمئىيەتتىن ئاشكارا خېرىدار چاقىرىلدى، ئۈرۈمچى- لوپنۇر قاتارلىق بەش تۈرنى ھۆددىگە بېرىشتە ئاينىڭ ئاخىرىغىچە جەمئىيەتتىن ئاشكارا خېرىدار چاقىرىش پىلانلاندى.

  ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ 75 ppp تۈرىنىڭ ھەممىسىدە لايىھەنى يولغا قويۇش، نەرسىلەرنىڭ باھاسىنى باھالاش دوكلاتى ۋە مالىيەنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى ئىسپاتلاش دوكلاتىنى تۈزۈش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، 82 تۈرگە ئاشكارا خېرىدار چاقىرىش ئېلانى بېرىلدى.

  كېيىنكى باسقۇچتا، قاتناش- تىرانسپورت نازارىتى ppp تۈرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كۈچلۈك بولمىغان ئايرىم رايونلارغا نۇقتىلىق ھەيدەكچىلىك قىلىپ ۋە ياردەم بېرىپ، ppp تۈرى سۈرئىتىنى تېزلىتىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر