باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ترامپ تەختكە چىققاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئوتتۇرا شەرق رايونىدا زىيارەتتە بولدى ھەمدە ئىرانغا بېسىم ئىشلىتىشنى ئۇنتۇپ قالمىدى

2017.05.23 14:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۈرەتتە: ئامېرىكا بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان 110 مىليارد دوللارلىق قورال-ياراغ سودا كېلىشىمى تۈزدى، 20-ماي سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ رىياد شەھىرىدە، سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سالمان (ئوڭ تەرەپتە) بىلەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ (سول تەرەپتە) كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىغا قاتناشماقتا

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 20-ماي، ئىران ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى زۇڭتۇڭ ھەسەن روھانىنىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمىدا غەلىبە قىلىپ، ئۇدا تەختتە ئولتۇرغانلىقىنى جاكارلىدى. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپقا ھەمراھ بولۇپ، ئوتتۇرا شەرقتە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى رېكس. ۋ . تىللېرسون شۇ كۈنى ئىران زۇڭتۇڭى روھانىغا مۇنداق يەتكۈزدى: ئامېرىكا ئىران زۇڭتۇڭىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىچىدە، تېررورچى تەشكىلاتلارنى قوللاشنى ئاخىرلاشتۇرۇشىنى، تىرايېكتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى سىناق قىلىشنى توختىتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  ترامپ بۇلتۇر زۇڭتۇڭ سايلام رىقابىتىگە قاتنىشىۋاتقىنىدا، ئىران يادرو مەسىلىسى ئاخىرقى كېلىشىمىگە كۆپ قېتىم رەددىيە بەرگەن، يەنە ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا تۈرىگە ئاشكارا قارشى تۇرغانىدى. روھانىي ئۇدا تەختتە ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئىران بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋەت يۆنىلىشى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ترامپنىڭ بۇ قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق سەپىرى يوشۇرۇن ھالدا ئىرانغا بېسىم ئېلىپ كەلدى، چۈنكى ترامپنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتىدىكى ئىككى دۆلەت ئىراننىڭ «كونا رەقىبى» بولۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن ترامپنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن زور سوممىلىق قورال-ياراغ سودا كېلىشىمى تۈزۈشى سەئۇدى ئەرەبىستانغا ياردەم بېرىپ ئىراننى چەكلەپ تۇرۇشتىن دېرەك بېرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر