باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئىللىق كەيپىيات ئىچىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتىدۇ

مۇخبىرىمىز لى لىن

2017.05.23 14:39         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھەممە ئىشتىن خەلق تۇرمۇشى مۇھىم.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە باشتىن- ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا ئېتىبار بىلەن قاراپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەزنىڭ 2- قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا: شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىياتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىللە تەرەققىياتنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، يەرلىككە نەپ يەتكۈزۈش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ۋەتىنىمىز چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇشىمىز كېرەك، دەپ كۆرسەتتى.

  مەركەزنىڭ 2- قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى خەلق تۇرمۇشىنى ئەلا بىلىش، خەلق تۇرمۇشىنى باشلامچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئامما ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلىدىغان زور خەلق تۇرمۇشى مەسىلىلىرىنى بۆسۈش ئېغىزى ۋە باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى داۋاملىق ئۆستۈردى.

  خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش كۆڭۈلگە پۈكۈلدى، مەسئۇلىيەت زىممىگە ئېلىندى

  پەيزاۋات ناھىيەسىدىن كەلگەن ئۆمەرجان ئالىم 4- ئاينىڭ 24- كۈنى «جۇڭتەي خىمىيەسى» دېگەن خەتلەر بېسىلغان يېڭى ئىش فورمىسىنى كىيىپ، شىنجاڭ جۇڭتەي (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە كېلىپ، زامانىۋى زاۋۇت رايونى، ئازادە تۇرمۇش مۇھىتىنى كۆرۈپ، كەلگۈسىگە بولغان ئارزۇسى تولۇپ تاشتى. شۇ كۈنى ئۆمەرجان ئالىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، قەشقەر، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ شەھەر- يېزىلىرىدىن كەلگەن 1000دىن ئارتۇق ئەمگەكچى شىنجاڭ جۇڭتەي (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە كېلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتى. بۇ ئاپتونوم رايونىمىز يولغا قويغان قەشقەر، خوتەن ۋىلايىتىدىن ئىبارەت ئىككى جايدا ئۈچ يىلدا 100 مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى بويىچە يۆتكىگەن تۇنجى تۈركۈمدىكى ئارتۇق ئەمگەكچى.

  ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 2- ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون قەشقەر، خوتەن ۋىلايىتىدىن ئىبارەت ئىككى جايدا ئۈچ يىلدا 100 مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى يولغا قويۇپ، بۇ يىل پىلان بويىچە قەشقەر، خوتەن ۋىلايىتىدىكى 25 مىڭ ئارتۇق ئەمگەكچىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تاماملاپ، ھەممە ئائىلە يول تېپىش، ھەممە كىشىگە قىلىدىغان ئىش بولۇش، ئايلىق كىرىم بولۇشنى دەسلەپكى قەدەمدە ئىشقا ئاشۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  خەلق تۇرمۇشى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى مۇھىم ئىش بولۇپ، ئۇنى ھەر ۋاقىت كۆڭۈلگە پۈكۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك.

  ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9- قۇرۇلتىيىدا: باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا زور كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش، ئىجتىمائىي كاپالەت، يۆلەش، تۇرالغۇ، مېھىر- شەپقەت، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈش، بىخەتەرلىك ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك، دەپ كۆرسىتىلدى.

  «تەرەققىياتنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، يەرلىككە نەپ يەتكۈزۈش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش» تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى مۇھىم نۇقتا قىلغان ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشلار ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرى ئەمەلىيلىشىپ، ھەر مىللەت ئامما ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتتىن ھەقىقىي نەپكە ئېرىشتى.

  خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلدى

  1- ئاينىڭ 15- كۈنى قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ چۇرگۇل بازىرى قىزىلتاش كەنتىدىكى چارۋىچى سەنباي ئاپتونوم رايون يولغا قويغان ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈش قۇرۇلۇشىنى تىلغا ئالغاندا ئىختىيارسىز ھالدا كۆزىگە ياش ئېلىپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل 80 ياشقا كىردىم، نۇرغۇن ئىشنى باشتىن كەچۈردۈم دەپ ئويلاپتىمەن، لېكىن يىلدا بىر قېتىم سالامەتلىك تەكشۈرتۈشتىن بەھرىمەن بولالايدىغانلىقىمنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسىتىگە رەھمەت!.

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ داۋالاش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم مەزمۇنى سۈپىتىدە، ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈش قۇرۇلۇشى 2016- يىلى 9- ئايدا رەسمىي قوزغىتىلغان بولۇپ، شىنجاڭلىق شەھەر- يېزا ئاھالىسى ھەر يىلى بىر قېتىم سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرتۈشتىن بەھرىمەن بولىدىغان بولدى. 2017- يىلى 2- ئايغىچە ئاپتونوم رايون سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ئۈچۈن 1 مىليارد 490 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، 17 مىليون 500 مىڭ كىشىنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈپ، ئومۇمىي خەلق ساغلاملىق تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدا تولۇق قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

  مەركەزنىڭ 2- قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيانقى ئۈچ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى پەيدىنپەي تەرەققىي قىلغان ئۈچ يىل بولدى.

  ئىجتىمائىي كاپالەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدا يېڭى بۆسۈش بولدى. ئاپتونوم رايونىمىز ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ كۈتۈلمىگەن جىسمانىي زەخىم سۇغۇرتىسى ۋە شەھەر- بازارلاردىكى ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىنى يولغا قويدى، ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 6 مىليون 850 مىڭ كىشىنى قاپلىغان بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا 20 مىليون 110 مىڭ كىشى كۈتۈلمىگەن جىسمانىي زەخىم سۇغۇرتىسىدىن نەپ ئالدى.

  ئاپتونوم رايون چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، چېگرا رايونلاردىكى نامراتلارنى يۆلەشنى چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەپ، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈشتىكى نۇقتىلىق خىزمەت قىلىپ، بىرىنچى سەپتىكى چېگرا ئاھالىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى تېز ياخشىلاپ، 380 مىڭ ئوبيېكتنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلىپ، چېگرا قوغداش خادىملىرىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ۋە بىرىنچى سەپتىكى نامرات چېگرا ئاھالىلىرىنى يېزىلاردىكى تۆۋەن كاپالەتتىن بەھرىمەن بولىدىغانلار قاتارىغا كىرگۈزدى. ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايونىمىز شەھەر- يېزىلاردىكى 2 مىليون 540 مىڭ نامرات ئاممىنى تۆۋەن كاپالەتتىن بەھرىمەن بولىدىغانلار قاتارىغا كىرگۈزۈپ، كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا تېگىشلىكلەرنى تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، نامرات ئاممىنىڭ تۇرمۇشى ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە بولدى.

  ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دەل جايىدا يۆلەشنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بويىچە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، «ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق نامرات ئائىلىلەر»نى ھەرىكەتچان تۈگىتىشنى نىشان قىلىپ، «بىرگە بىر تەدبىر قوللىنىپ» مەخسۇس يۆلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى.

  خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ھەر ۋاقىت ئاممىنىڭ ھالىغا يېتىشنى ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا قويۇپ، ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەسىلىلەرنى تۇتۇپ، ئىشلارنى بىر- بىرلەپ بېجىرىپ، يىلمۇيىل ئىشلەپ، خەلق مەنپەئىتىنى كۆزلەپ، خەلقنىڭ غەم- ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، ھەر مىللەت خەلقنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ.

  خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قۇرۇلۇشى تېخىمۇ كۆپ ئاممىغا نەپ يەتكۈزدى

  بۇلتۇر 11- ئايدىن باشلاپ مەكىت ناھىيەسىنىڭ بازار جەمى يېزىسى چامغۇرلۇق كەنتىدىكى بۈۋھەجەرگۈل ئوبۇل كۈندە ئەتىگەندە تۆت ياشلىق ئوغلىنى كەنتتىكى بالىلار باغچىسىغا ئاپىرىدىغان بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بالىلار باغچىسى ئۆيىمىزنىڭ ئالدىدىلا، بالامنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى بەك مەسئۇلىيەتچان، بالىلار باغچىسىنىڭ تامىقىمۇ ياخشى، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىگە رەھمەت! بالىلىرىمىز بالىلار باغچىسىدا «قوش تىل» تەربىيەسى ئالسا، بىز چوڭلارمۇ خاتىرجەم ئىشىمىزنى قىلالايدىكەنمىز.

  بۈۋھەجەرگۈل ئوبۇلنىڭ ئائىلىسى ئاپتونوم رايون يېزىلاردا ئومۇميۈزلۈك يولغا قويغان ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلارنى ئۈچ يىل «قوش تىل» مائارىپى بويىچە ھەقسىز تەربىيەلەش خىزمىتىدىن نەپكە ئېرىشكەن ئائىلىلەرنىڭ بىرى. بۇلتۇر كۈزدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ھەممىدىن ئاۋۋال جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلارنى ئۈچ يىل «قوش تىل» مائارىپى بويىچە ھەقسىز تەربىيەلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 2016- يىلى 10- ئايدا ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلارنى ئۈچ يىل «قوش تىل» مائارىپى بويىچە ھەقسىز تەربىيەلەش پىلانى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇش بىلەن بىللە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار «قوش تىل» مائارىپىغا كادىرلار ياردەم بېرىش خىزمىتىمۇ تەڭ باشلىنىپ، 3000 كادىر جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستىنىڭ يېزىلىرىدىكى بالىلار باغچىلىرىغا بېرىپ مائارىپقا ياردەم بەردى. 2016- يىلنىڭ ئاخىرىغىچە يېزىلاردا ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار ئۈچ يىللىق «قوش تىل» مائارىپى بويىچە ھەقسىز تەربىيەلەنگەن ئوقۇش يېشىدىكى بالا 434 مىڭ 600 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا 340 مىڭ 200 بالا بار. بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز 3845 بالىلار باغچىسى قۇرۇش خىزمىتىنى تاماملايدۇ.

  ئۈچ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت «بىخەتەرلىك تورى» بارغانسېرى قويۇقلىشىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى»گە ئايلاندى. ئاممىنىڭ «ئوقۇيدىغانلار ئوقۇيالايدىغان بولۇش، ئىشلىگەنلەر ھەق ئالالايدىغان بولۇش، كېسەل بولغانلار داۋالىنالايدىغان بولۇش، ياشانغانلار كۈتۈنەلەيدىغان بولۇش، ئۆيى يوقلار ئۆيدە ئولتۇرالايدىغان بولۇش»تەك ئاددىي ئارزۇسى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ھەقىقىي تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە رېئاللىققا ئايلىنىۋاتقان بولۇپ، ھەر مىللەت خەلق خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قۇرۇلۇشىدىن ھەقىقىي بەھرىمەن بولۇپ، ئاممىنىڭ «ئېرىشىش تۇيغۇسى» ئۈزلۈكسىز ئۆسۈۋاتىدۇ.

  2016- يىلى 9- ئايدا ئاپتونوم رايون ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كارخانا، ئورگان ۋە كەسپىي ئورۇنلاردىن پېنسىيەگە چىققان خادىملارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى تەمىناتىنى بىرتۇتاش تەڭشەپ ئۆستۈرۈشنى قارار قىلىپ، 1 مىليارد 720مىليون يۈەن كۈتۈنۈش پۇلىنى تولۇقلاپ تارقىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كارخانىلاردىن پېنسىيەگە چىققان 922 مىڭ 600 خادىمغا نەپ يەتكۈزگەن بولۇپ، كۈتۈنۈش پۇلى تەڭشەلگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كارخانىلاردىن پېنسىيەگە چىققان خادىملارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئايلىق كۈتۈنۈش پۇلى 2723 يۈەنگە ئۆستى.

  خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئاممىنى تېخىمۇ يۇقىرى كاپالەت سەۋىيەسىدىن بەھرىمەن قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. 2016- يىلى ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتى ئۆسكەن بولۇپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىشتا يارىلانغان خادىملارنىڭ ھەر ئايدا ئالىدىغان مېيىپلىك قوشۇمچە پۇلى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 257 يۈەن كۆپەيدى؛ شەھەر- يېزىلارنىڭ تۆۋەن كاپالەت ياردەم پۇل سەۋىيەسى ئۆسكەن بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شەھەرلىرىدىكى تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتلىرىنىڭ ئايلىق ياردەم پۇل سەۋىيەسى كىشى بېشىغا 376 يۈەنگە، يېزىلاردىكى تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتلىرىنىڭ يىللىق ياردەم پۇل سەۋىيەسى كىشى بېشىغا 2855 يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولدى؛ شەھەر- بازار ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ياردەم پۇل ئۆلچىمى ئۆسكەن بولۇپ، شەھەر- بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مالىيە ياردەم پۇلى ئۆلچىمى كىشى بېشىغا 420 يۈەنگە ئۆسۈپ، شەھەر- بازار ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا مەبلەغ توپلاش سەۋىيەسى كىشى بېشىغا 570 يۈەنگە يەتتى...

  ئەمىن تاپقۇزۇپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈلدى. 2016- يىلى ئاپتونوم رايون 13 مىليارد 890 مىليون يۈەنلىك ياردەم پۇل ئورۇنلاشتۇرۇپ، 300 مىڭ ئائىلىلىك «ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى»نى يولغا قويۇپ، 191 مىڭ يۈرۈش كاپالەتلىك تۇرالغۇدا ئىش باشلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرالغۇ ئارزۇسىنى روياپقا چىقاردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 2017- يىللىق خىزمەت دوكلاتىدا: ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان زور قۇرۇلۇشلارنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ياخشى تۇتۇپ، ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك زور قۇرۇلۇشلارنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقنى تېخىمۇ بەختلىك، تېخىمۇ ئىناق، تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئىگە قىلىشىمىز كېرەك! دەپ كۆرسىتىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر