باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەسئۇل باجگىرلىك ئورنىدا 9-ئايدىن باشلاپ تىزىملاپ باشقۇرۇش يولغا قويۇلىدۇ

2017.05.23 14:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت باج باش ئىدارىسى يېقىندا «باجغا ئالاقىدار كەسىپ مۇلازىمىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش چارىسى (سىناق نۇسخىسى)» نى ئېلان قىلدى، بۇ «چارە» 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. «چارە» دە مۇنداق بەلگىلەندى: باج ئورگانلىرى باجگىرلىك ئورنىغا قارىتا مەمۇرىي جەھەتتىن تىزىملاپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇشى، مەمۇرىي جەھەتتىن تىزىمغا ئالدۇرمىغانلارنىڭ «باجگىرلىك ئورنى» نامىنى قوللىنىشىغا ۋە باجگىرلىك ئورنىنىڭ قانۇنىي ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا يول قويماسلىقى كېرەك.

  «چارە» دە مۇنداق بەلگىلەندى: باج ئورگانلىرى باجغا ئالاقىدار كەسپىي مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى ۋە باج مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا قارىتا ئەمەلىي نام تۈزۈمى بويىچە باشقۇرۇشنى يولغا قويۇشى، 3-قارارلىق ئالتۇن باج ئەمەلىي سىستېمىسىغا تايىنىپ، باجغا ئالاقىدار كەسىپ مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش ئۇچۇرلىرى ئامبىرى قۇرۇپ، ئۇچۇرلارنى توپلاش ئارقىلىق، باجغا ئالاقىدار كەسپىي مۇلازىمەت ئورگانلىرى ۋە باج مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنى تۈرلەرگە ئايرىپ باشقۇرۇشى كېرەك.

  باج ئورگانلىرى قانۇن-نىزاملار ۋە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغان باجغا ئالاقىدار كەسپىي مۇلازىمەت ئورگانلىرى ۋە باج مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ قىلمىشىنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە قاراپ، سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ياكى سۆھبەتلىشىش، نۇقتىلىق نازارەت قىلىشىپ باشقۇرۇش ئوبيېكتلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈش، ئىناۋەت دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش ۋە ياكى ئىناۋەت خاتىرىسىگە كىرگۈزۈش، ئۇلار ۋاكالەتلىك قىلغان باجغا ئالاقىدار كەسىپلەرنى قوبۇل قىلىشنى ۋاقىتلىق توختىتىش ياكى قوبۇل قىلماسلىق، باج مۇلازىمىتى بويىچە بەرگەن لەۋزىدە تۇرمىغانلار قاتارىغا كىرگۈزۈش، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش ھەم ئىجتىمائىي ئىناۋەت سۇپىسىغا كۆرسىتىش قاتارلىق بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر