باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خەۋپسىزلىك كېڭىشى چاۋشيەننىڭ ئەمدى يادرو سىنىقى قىلماسلىقىنى تەلەپ قىلدى

2017.04.21 14:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى 20-ئاپرىل تاراتقۇلارغا بايانات ئېلان قىلىپ، چاۋشيەننىڭ يېقىندا ئېلىپ بارغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش ھەرىكىتىنى ئەيىبلەپ، چاۋشيەندىن ئەمدى يادرو سىنىقى قىلماسلىقنى تەلەپ قىلدى.

  باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: خەۋپسىزلىك كېڭىشى چاۋشيەن يېقىندا ئېلىپ بارغان ئەڭ يېڭى بىر قېتىملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش ھەرىكىتىنى كۈچلۈك ئەيىبلەيدۇ، چاۋشيەننىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارىنى كۆزگە ئىلماي، مۇقىملىققا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ھەرىكىتىگە چوڭقۇر كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، چاۋشيەننىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارىغا يەنىمۇ خىلاپلىق قىلىدىغان ھەرىكەتلەرنى دەرھال توختىتىشىنى، ئالاقىدار قارارلارغا ئومۇميۈزلۈك ئەمەل قىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.

  خەۋپسىزلىك كېڭىشى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: چاۋشيەننىڭ يادروسىزلاشتۇرۇشقا بولغان سەمىمىي ۋەدىسى ئىنتايىن مۇھىم، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋە تېخىمۇ كەڭ دائىرىدىكى رايوننىڭ جىددىي ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ پەسەيتىشى ئىنتايىن مۇھىم. بۇنىڭ ئۈچۈن، خەۋپسىزلىك كېڭىشى چاۋشيەننىڭ ئەمدى يادرو سىنىقى قىلماسلىقىنى تەلەپ قىلىدۇ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قارارىدىكى چاۋشيەنگە قارىتىلغان تەدبىرلەرنى ئىجرا قىلىشنى تېزلىتىش دەۋەت قىلىندى.

  باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: خەۋپسىزلىك كېڭىشى چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋە شەرقىي شىمالىي ئاسىيا رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقىنى قايتا تەكىتلەيدۇ، تىنچ، دېپلوماتىك، سىياسىي ھەل قىلىش لايىھەسىنى ھاسىل قىلىشقا كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئەزالىرى ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ سۆھبەت ئارقىلىق ھەمكارلىشىپ تىنچ، ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىش لايىھەسىنى ھاسىل قىلىشىنى قارشى ئالىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر