باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ: يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى- كونا ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئالمىشىشىنى تېزلىتىش كېرەك

2017.04.19 14:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيورۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە «يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يىتىشتۈرۈش» دېگەن تېمىدا سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا دۆلەت مەمۇرىيەت ئىنىستىتۇتىدا مۇشۇ مەخسۇس تېما بويىچە ئۆگىنىش مۇھاكىمە قىلىش كۇرسىغا قاتنىشىۋاتقان كۇرسانتلار، ئالاقىدار تارماقلار، قىسمەن كارخانىلار ۋە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  يىغىندا دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى، ئۆگىنىش ۋە مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ كۇرسانتلار ۋەكىلى، بېيجىڭ شەرق پەن-تېخنىكا شىركىتىنىڭ ۋەكىلى سۆز قىلدى ھەم تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى قىيىن بولدى، مۇقىمسىز، ئېنىقسىز ئامىللار كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى. ئىچكى ئىقتىسادىي تەرەققىات يېڭى نورمال ھالەتكە كىردى، ئىقتىسادىي ئېشىشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، بايلىق مۇھىم ئامىلى شارائىتى قاتارلىقلاردا بىر قەدەر زور ئۆزگىرىش بولدى، ئۇزاقتىن بۇيان يىغىلىپ قالغان قۇرۇلمىلىق زىددىيەت ئوتتۇرىغا چىقىپ قالدى، ئىقتىسادنىڭ چېكىنىش بېسىمى زورايدى. مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە، يەنە يىرىك تەرەققىيات يولىغا مېڭىشنى داۋاملاشتۇرۇش مۇمكىن بولماي قالدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش ئاساسىي مۇقامىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش، ماسلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىش، تەڭ بەھرىلىنىشتەك يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇرئىزچىللاشتۇرۇپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ،ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنىڭ تېپىنى ئۆزگەرتىش، سەرخىللاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تىرىشىپ زور قەدەم ئېلىش كېرەك. ماكرو جەھەتتە، سىياسىي يۆنىلىشنى توغرا ئىگىلەپ، «سۇ يامراپ كېتىش»تەك كۈچلۈك تۈرتكە بولۇش ئۇسۇلىنى قوللانماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، مەبلەغ سېلىش ۋە ئېكىسپورتقا زىيادە تايىنىپ ئىقتىسادىي ئېشىشنى جانلاندۇرۇشنى ئۆزگەرتىپ، تەڭشەش ۋە كونتىرول قىلىش ئۇسۇلىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، رايونلار ئارا تەڭشەش ۋە كونتىرول قىلىش، نىشانلىق تەڭشەش ۋە كونتىرول قىلىش، ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەش ۋە كونتىرول قىلىشنى دەل جايىدا يولغا قويۇشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش ۋە قۇرۇلمىنى تەڭشەشكە تايىنىپ، تەرەققىيات ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش بىلەن باشقۇرشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە باجنى كېمەيتىپ ھەقنى تۆۋەنلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىستىراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، پۇقرالار ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بازار سوبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە ئىجادى كۈچىنى قوزغىتىش ئۈچۈن تىرىشىپ ياخشى مۇھىت يارىتىپ، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىقتىسادتا «مەجبۇرىي قونۇش» كۆرەلمەستىن، يەنە مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشى يۆنىلىشكە يۈزلىنىش، قۇرۇلمىنى سەرخىللاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، بۇ يىلنىڭ بىرىنچى پەسىلىدە بۇنداق ياخشى ۋەزىيەت يەنىمۇ مۇستەھكەملەندى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدۇكى، تىپنى ئۆزگەرتىپ، سەرخىللاشتۇرۇشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرگەندىلا، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات ئىستىراتېگىيەسى نىشانىغا يەتكىلى بولىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر