باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: ئىسلاھاتنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقىنى كېڭەيتىش، مەسىلىنى بايقاش ۋە ھەل قىلىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

2017.04.19 14:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شى جىنپىڭ 18-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 34-يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نازارەت قىلىش ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى. جايلار، تارماقلار ئىسلاھاتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشى، تېخىمۇ كۆپ زېھنىنى سەرپ قىلىپ، نازارەت قىلىش ۋە ئۈنۈمنى كۆزلەشنى چىڭ تۇتۇشى، نازارەت قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ھەم ياخشىلاپ، نازارەت قىلىش خىزمىتىنىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقىنى كېڭەيتىشى، نۇقتا بىلەن دائىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، كۆپ تەرەپتىن تەڭ چىڭ تۇتۇشى، مەسىلىنى بايقاش ۋە ھەل قىلىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن لى كېچياڭ، ليۇ يۈنشەن يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا «سىياسەت سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىش، يېڭىچە يېزا ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتلىرىنى يېتىشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»، «كارخانىچىلارنىڭ روھىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇش ۋە ئۇنى قوغداش توغرىسىدىكى پىكىر»، «زامانىۋى دوختۇرخانا باشقۇرۇش تۈزۈمى ئورنىتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»، «قىس دورىلارنى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»، «جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى بېجىرىشتە قانۇنسىز دەلىل-ئىسپاتلارنى قەتئىي چىقىرىۋېتىشكە دائىر بىرقانچە مەسىلە توغرىسىدىكى بەلگىلىمە»، «پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش، تېررورلۇققا مۇناسىۋەتلىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشكە قارشى تۇرۇش، باجدىن قېچىشقا قارشى تۇرۇشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمە-مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»، «ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەربىيەلەش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنى باھالاش چارىسى»، «چەت ئەل ئەخلىتىنىڭ چېگرادىن كىرىشىنى چەكلەش، قاتتىق تاشلاندۇقلارنى ئىمپورت قىلىشنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. يىغىندا يەنە «مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىدىكى ئالتە مەخسۇس كىچىك گۇرۇپپىنىڭ ئىسلاھاتنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر