باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو تېلېگراف گۇرۇھى شىركىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، باش مۇدىرى چاڭ شياۋبىڭنىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا سوت ئېچىلدى

2017.04.19 14:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ئاينىڭ 18- كۈنى، خېبېي ئۆلكىسى باۋدىڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ئوچۇق سوت ئېچىپ، جۇڭگو تېلېگراف گۇرۇھى شىركىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، باش مۇدىرى چاڭ شياۋبىڭنىڭ پارا ئېلىش دېلوسىنى سوتلىدى. باۋدىڭ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى سوتقا ئادەم قاتناشتۇرۇپ ئەيىبلەشنى قوللىدى، جاۋابكار چاڭ شياۋبىڭ ۋە ئۇنىڭ ئاقلىغۇچىلىرى سوتقا كېلىپ، دەۋاغا قاتناشتى.

  باۋدىڭ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسىدە: 1998-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە، جاۋابكار چاڭ شياۋبىڭ ئەسلىدىكى پوچتا-تېلېگراف مىنىستىرلىقى تېلېگراف باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى، جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، جۇڭگو بىرلەشمە تور خەۋەرلىشىش گۇرۇھ چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ تۈرلەرنى ھۆددىگە ئېلىش، ئۈسكۈنىلەرنى زاكاز قىلىش قاتارلىق ئىشلاردا ئۇلارغا پايدا يەتكۈزۈپ، يۇقارقى ئورۇنلاردىن قانۇنسىز پارا ئالغان، پارا ئالغان پۇلى خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 3 مىليون 762 مىڭ 880.1 يۈەنگە يەتكەن. پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن چاڭ شياۋبىڭنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۈچۈن سوتقا سۇنۇلدى.

  سوتتا قاراپ چىقىش جەريانىدا، تەپتىش ئورگانلىرى مۇناسىۋەتلىك دەلىل - ئىسپاتلارنى چىقىرىپ، چاڭ شياۋبىڭ ۋە ئۇنىڭ ئاقلىغۇچىلىرى بىلەن يۈزلەشتۈرۈلۈپ، ئىسپاتلاش ئېلىپ بېرىلدى، ئەيىبلىگۈچى ۋە ئاقلىغۇچىلار تولۇق پىكىر بايان قىلدى، چاڭ شياۋبىڭ ئەڭ ئاخىرىدا سۆز قىلىپ، سوتتا جىنايىتىنى تونۇپ توۋا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  چاڭ شياۋبىڭنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى، مەملىكەتلىك، ئۆلكىلىك، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ئاممىدىن بولۇپ 60تىن ئارتۇق ئادەم سوتقا سىرتتىن قاتناشتى.

  ئەڭ ئاخىرىدا سوت سوتنىڭ توختىتىپ تۇرۇلىدىغانلىقى، ۋاقىت تاللاپ ھۆكۈم ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر