خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى يېڭىدىن تەڭشەپ تەشكىللەنگەن جۈن دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرىنى قوبۇل قىلدى ھەم ھەر قايسى ئورۇنلارغا بۇيرۇق يوليورۇقى بېرىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ قارار، يوليورۇقلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ھەربىي ئىستراتېگىيە فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتە قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىسلاھات ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى جەڭ قىلالايدىغان، جەڭدە غەلىبە قىلالايدىغان بولۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چاقىرغان ھامان كېلەلەيدىغان، كەلگەن ھامان جەڭ قىلالايدىغان، جەڭ قىلغان ھامان غەلىبە قىلالايدىغان سەرخىل قوشۇننى پۈتۈن زېھىن بىلەن تاۋلاپ چىقىپ، جۇڭگو ئارزۇسى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى ھەم تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.
چۈشتىن ئىلگىرى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 10دا، شى جىنپىڭ «1 - ئاۋغۇست» بىناسىغا كېلىپ، يېڭىدىن تەڭشەپ تەشكىللەنگەن جۈن دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن يېڭىدىن تەڭشەپ تەشكىللەنگەن جۈن دەرىجىلىك بارلىق ئورۇنلار ۋە بارلىق كوماندىر - جەڭچىلەرنى قىزغىن تەبرىكلىدى ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.
ئارقىدىن، شى جىنپىڭ بۇيرۇق يوليورۇقى بېرىپ، مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېت پۈتكۈل ئارمىيەدە جۈن دەرىجىلىك 84 ئورۇننى يېڭىدىن تەڭشەپ تەشكىللەشنى قارار قىلدى. بۇ، ئارمىيەمىزنىڭ ئىسلاھات ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، جۇڭگوچە قۇدرەتلىك ئارمىيە قۇرۇش يولىدا باسقان يەنە بىر مۇھىم قەدىمى، پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىغا يېتىش، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قۇرۇشتا مۇھىم ۋە چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. يېڭىدىن تەڭشەپ تەشكىللەنگەن جۈن دەرىجىلىك ئورۇنلار يېڭى تۈزۈلمىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ئۇلارنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداشتىكى بۇرچى شەرەپلىك، مەسئۇلىيىتى ئېغىر.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى