سۈرەتتە: ئاممىۋى مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيتىدىن كۆرۈنۈش
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئامانگۈل گايىت، قاسىم ئىسلام خەۋىرى) ئاپتونوم رايوننىڭ «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» پائالىيىتى بويىچە توقسۇ ناھىيەلىك مالىيە ئىدارىسىدىن ئىچئېرىق بازىرىنىڭ جاي كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار دېھقانلارغا مەنىۋى ئوزۇق ئاتا قىلىش ئۈچۈن، 4-ئاينىڭ 15-كۈنى ئىچئېرىق بازىرىنىڭ جاي كەنتىدە ئاممىۋى مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيتى ئۆتكۈزۈپ، دېھقانلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتتى.
توقسۇ ناھىيەسى ئىچئېرىق بازىرى جاي كەنتىدىن ئەخمەت مۆمىن خۇشال ھالدا مۇنداق دىدى: «توقسۇ ناھىيەلىك مالىيە ئىدارىسىدىن جاي كەنتىمىزگە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بۈگۈن كەنتىمىزدە مەزمۇنى مول، شەكلى رەڭدار ئاممىۋى مەدەنىيەت-تەنتەربىيە، ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ بەردى، بۇنىڭدىن بىز كۆپچىلىك ناھايىتى رازى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پائالىيەتلەرنى كۆپرەك ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىمەن.»
ئاممىۋى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ئارقان تارتىشىش، توخۇ، قوشقار سوقۇشتۇرۇش، مىللىيچە چېلشىش، ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرى كۆرسىتىش قاتارلىق تۈرلەر بويىچە ئېلىپ بېرىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى