باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيەدە زۇڭتۇڭلۇق تۈزۈمى يولىنىڭ تەكشى بولۇشى ئۇنچە ئاسان ئەمەس

2017.04.18 15:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ئاينىڭ 16- كۈنى، تۈركىيەدە ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى ئومۇمىي ئاۋازغا قويۇش ئۆتكۈزۈلدى. ئومۇمنىڭ ئاۋازىغا قويۇشنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنى پارلامېنت تۈزۈمىدىن زۇڭتۇڭلۇق تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىش بولۇپ، ئاساسىي قانۇندا زۇڭتۇڭغا ئەمەلىي ھوقۇق بېرىلىپ، زۇڭلىلىق ۋەزىپىسى بىكار قىلىنىدۇ. دەسلەپكى بىلەت تاشلاش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باشلامچىلىق قىلغان ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى قوللاش لاگېرى %51.4 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى ماقۇللانغان.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ نەتىجە تۈركىيەدە 90 يىلدىن بۇيان يولغا قويۇلۇۋاتقان پارلامېنت تۈزۈمىنىڭ ئاياغلىشىش ئالدىدا تۇرغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، 2019-يىللىق زۇڭتۇڭ سايلىمى ۋە پارلامېنت سايلىمدىن كېيىن زۇڭتۇڭلۇق تۈزۈمى رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ، ئەمما بۇ نەتىجە يەنە تۈركىيەنىڭ تارىخنىڭ كوچا ئېغىزىغا كېلىپ قالغانلىقىدىن، كەلگۈسىدە ھاكىمىيەت بېشىدىكى ۋە ھاكىمىيەت سىرتىدىكىلەر قارشىلىشىشىنىڭ تېخىمۇ ئۆتكۈرلىشىدىغانلىقىدىن، تۈركىيەنىڭ زۇڭتۇڭلۇق تۈزۈمى يولىغا قەدەم قويۇشىنىڭ ئۇنچە ئاسان ئەمەسلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  جامائەت پىكرىنىڭ قارىشىچە، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى ئەردوغاننى تۈركىيەدە ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش مۇمكىنلىكى بىلەن تەمىنلىدى. كۈتۈلمىگەن ئىشلار بولمىسىلا، ئەردوغان 2019-يىلى زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىدۇ ھەمدە يەنە بىر قېتىم زۇڭتۇڭلۇققا سايلىنىشى مۇمكىن. ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىدىكى «زۇڭتۇڭ بىر قېتىم ئۇدا ۋەزىپە ئۆتەشكە بولىدۇ، ھەر قېتىملىق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بەش يىل بولىدۇ»، دېگەن بەلگىلىمە بويىچە ھېسابلىغاندا، ئەردوغان 2029-يىلغىچە ئۇدا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشى مۇمكىن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر