باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چەت ئەللىكلەرنىڭ دائىمىي تۇرۇش كىنىشكىسىنى قولايلىقلاشتۇرۇش ئىسلاھاتى 2-پەسىلدە تاماملىنىدۇ

2017.04.18 17:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى يېقىندا مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 32-قېتىملىق يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللىغان «چەت ئەللىكلەرنىڭ دائىمىي تۇرۇش كىنىشكىسىنى قولايلىقلاشتۇرۇش ئىسلاھات لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتتى، بۇ چەت ئەللىكلەرنىڭ دائىمىي تۇرۇش كىنىشكىسىنى قولايلىقلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. مەزكۇر لايىھەگە ئاساسەن، چەت ئەللىكلەرنىڭ دائىمىي تۇرۇش كىنىشكىسىنى قولايلىقلاشتۇرۇش ئىسلاھات ۋەزىپىسى 2017-يىلى 2-پەسىلدە تاماملىنىدۇ.

  ئىگىلىنىشچە، ئىسلاھات تەدبىرلىرى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن: بىرىنچى، «چەت ئەللىكلەرنىڭ دائىمىي تۇرۇش كىنىشكىسى»نىڭ ئىسمى «چەت ئەللىكلەرنىڭ دائىمىي تۇرۇش كىملىكى»گە ئۆزگەرتىلىپ، سالاھىيەتنى ئىسپاتلاش ئىقتىدارى كۈچەيتىلىدۇ. ئىككىنچى، 2-ئەۋلاد ئاھالىلەر كىملىكىنىڭ كىنىشكا ئىقتىدارىنى ياخشىلاش لايىھەسىدىن پايدىلىنىپ، بىر تۇتاش تېخنىكا ئۆلچىمى بويىچە، كىنىشكىغا ئۆزەك ئورنىتىپ كىنىشكا ئىمزالاپ تارقىتىش، باشقۇرۇش ئۇچۇرى ساقلاپ، 2-ئەۋلاد ئاھالىلەر كىنىشكىسىنى ئوقۇش ماشىنىسى بىلەن پەرقلەندۈرۈپ تەكشۈرۈش ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. ئۈچىنچى، تۆمۈر يول، پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى، سۇغۇرتا، مېھمانساراي، بانكا قاتارلىق ئالاقىدار ئۇچۇر سىستېمىسى ئۆزگەرتىلىپ، دائىمىي تۇرىدىغان چەت ئەللىكلەرنىڭ ئۇچۇرىدىن تارماقلار ئارا ئورتاق بەھرىلىنىدۇ. تۆتىنچى، قاراتمىلىق تەشۋىق قىلىپ، «چەت ئەللىكلەرنىڭ دائىمىي تۇرۇش كىملىكى»دىن خەۋەردار بولۇش دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ، ئالاقىدار تارماق، ساھەلەرنىڭ كەسپىي تەربىيەلىنىشىنى كۈچەيتىپ، كىنىشكا ئىگىسىنىڭ تۈرلۈك ئىجتىمائىي ئىشلارنى بېجىرىشىگە قولايلىق يارىتىلىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر