باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«ئەرش كېمىسى − 1» يولغا چىقىشقا ھازىرلاندى

2017.04.18 17:14   مەنبە: خەلق تورى

«ئەرش كېمىسى − 1»  يولغا چىقىشقا ھازىرلاندى

  خەينەن ئۆلكىسىنىڭ ۋېنچاڭ شەھىرىگە جايلاشقان جۇڭگو ۋېنچاڭ ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىش مەيدانىدا، «ئەرش كېمىسى − 1» ناملىق يۈك تىرانسپورت ئالەم كېمىسى بىلەن «ئۇزۇن سەپەر − 7» ناملىق توشۇغۇچى راكېتا بىرىكمە گەۋدىسىنى ھەرىكەتچان قويۇپ بېرىش سۇپىسى 17-ئاپرېل سائەت 7:30دا قۇراشتۇرۇپ سىناق قىلىش ئۆيىدىن چىقىرىلىپ، قويۇپ بېرىش رايونىغا تىك يۆتكەپ كېلىندى، ئەڭ ئاخىرقى ھالىتىنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن 20-ئاپرېلدىن 24-ئاپرېلغىچە بولغان ئارىلىقتا قويۇپ بېرىلىدۇ. ئېلىمىزنىڭ تۇنجى ئالەم بوشلۇقى يۈك تىرانسپورت ئالەم كېمىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، «ئەرش كېمىسى − 1»نىڭ تۇنجى قويۇپ بېرىلىشى ئېلىمىز ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشىنىڭ ئالەم بوشلۇقى تەجرىبىخانىسى ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئاخىرلاشتۇرۇش جېڭىنىڭ باشلانغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

  خەلقئارا ئالەم قاتنىشى بىرلەشمىسى بوشلۇقى تىرانسپورت كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى، جۇڭگو ئالەم قاتنىشى پەن-تېخنىكا گۇرۇھى 2-تەتقىقات يۇرتى 2-ئومۇمىي لايىھەلەش بۆلۈمىنىڭ تەتقىقاتچىسى ياڭ نىڭگۇاڭ مۇنداق دېدى: كەلگۈسىدە جۇڭگونىڭ ئادەملىك ئالەم بوشلۇقى پونكىتىدا بىر قانچە ئالەم ئۇچقۇچىسى ئوربىتىدا ئۇزاق مەزگىل تۇرىدۇ، گۇرۇپپىلارنىڭ نۆۋەت ئالمىشىش مەزگىلىدە خاسىيەتلىك كېمە ناملىق ئالەم كېمىسىدىن ئىككىسى ۋە تېخىمۇ كۆپ ئالەم ئۇچقۇچىلىرى قىسقا مەزگىل ئوربىتىدا بىرلا ۋاقىتتا تۇرىدۇ. ئېنىقكى يۈك تىرانسپورت ئالەم كېمىسىنىڭ ياردىمى بولمىسا، ئۇزاق مەزگىللىك ئوربىتىدا تۇرۇش ۋەزىپىسىنى تاماملىغىلى بولمايدۇ. بۇ جۇڭگو ئالەم قاتنىشىنىڭ ئەرش كېمىسى يۈك تىرانسپورت ئالەم كېمىسىنى تەتقىق قىلىپ قويۇپ بېرىشىنىڭ تۈپ سەۋەبى.

  «ئەرش كېمىسى − 1» ناملىق يۈك تىرانسپورت ئالەم كېمىسى ئېلىمىز ئۆزى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان تۇنجى يۈك تىرانسپورت ئالەم كېمىسى بولۇپ، ئىككى بۆلۈمىلىك قۇرۇلما قوللىنىلىپ، مال بۆلۈمىسى ۋە ئىلگىرىلىتىش بۆلۈمىسىدىن تەركىب تاپقان، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 10.6 مېتىر، ئەڭ چوڭ دىيامېتىرى 3.35 مېتىر، قۇياش نۇرى قانىتى ئېچىلغان چاغدىكى كەڭلىكى 14.9 مېتىر، كۆتۈرۈلۈش ئېغىرلىقى تەخمىنەن 13 توننا، ماددىي ئەشيالارنى يۇقىرىغا توشۇش ئىقتىدارى تەخمىنەن ئالتە توننا، پىروپېللېنت تولۇقلاپ قاچىلاش ئىقتىدارى تەخمىنەن ئىككى توننا، مۇستەقىل ئۈچ ئاي ئۇچۇش ئىقتىدارىغا ئىگە، «ئەرش ئوردىسى − 2» ناملىق ئالەم بوشلۇقى تەجرىبىخانىسى بىلەن كېسىشتۈرۈپ تۇتاشتۇرۇش، پروپېللېنتنى ئوربىتىدا تولۇقلاپ قاچىلاش، بوشلۇق ئىلىمى تەجرىبىخانىسى ۋە تېخنىكا سىنىقىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق فۇنكسىيەگە ئىگە.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·بۇ يىل مائارىپ ساھەسىگە 28 مىليارد 960 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ
    ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا چەت ئەل تىلى ياكى خەنزۇ تىلى ئاڭلاش ئىقتىدارى نەتىجىسى ئومۇمىي نەتىجىگە قو…
    ·بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى ئۆي-زېمىن ئەمەلىي تۇرالغۇ شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمىگەنلەرنىڭ مەكتەپكە ك…
    ·ئۆزبېكىستان 5-نۆۋەتلىك خەلقئارا ساياھەتچىلىك كۆرگەزمىسى باشلاندى
    ·2017-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولدى 
    ·پەن تەتقىقات يۇرتى ۋە پارتىيە مەكتىپى قاتارلىق مەكتەپلەردىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار…
    ·4- ئاينىڭ ئاخىرىدا، شىنجاڭدىكى كەسپى ئورۇنلار ئىچكىرىدىكى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرگە بېرىپ ئوقۇغۇچى…
    ·ئىنستىتۇت-فاكۇلتېت ۋە كەسىپ توسۇقى بۇزۇپ تاشلىنىدۇ
    ·بەش تارماق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يۈكىنى يېنىكلەتتى: كەسىپ تەسىس قىلىش، ئادەم قوبۇل قىلىش-ئىشلىتىشتە تې…
    ·بەش مىنىستىرلىق، كومېتىت ئالىي مەكتەپلەرنى  ئاپپارات تەشكىللەپ مەمۇرىي دەرىجىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا…