باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە 3-نۆۋەتلىك ئۆسمۈرلەر خەتتاتلىق مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

2017.04.18 15:24         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  4-ئاينىڭ 9-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ياش-ئۆسمۈرلەر سارىيىدا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھەر قايسى رايون (ناھىيە)لىرىدىن كەلگەن 300دىن ئارتۇق پىيونېر «مەن ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ ۋارىسى» دېگەن تېمىدىكى 3-نۆۋەتلىك ئۆسمۈرلەر خەتتاتلىق مۇسابىقىسىگە قاتناشتى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ باش يېتەكچىسى جاڭ رۇن مۇنداق دېدى: بۇ پائالىيەتتە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇش، ئىجادىي ئەسەرلەر ئارقىلىق ئۆسمۈرلەرگە ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلدۇق. مۇشۇنداق بىر سۇپا ئارقىلىق ھەر مىللەت ئۆسمۈرلىرىنى بىر يەردە ئۆگىنىش، بىر يەردە كۆڭۈل ئېچىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ قەلبىدە ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقىنى بىخلاندۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  ئۇقۇشىمچە، بۇ مۇسابىقىنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىتتىپاق كومىتېتى، مائارىپ ئىدارىسى، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى ئىشخانىسى بىلەن پىئونېرلار خىزمىتى كومىتېتى بىرلىشپ ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، مۇسابىقىدە بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن بىرى، ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن ئىككىسى، ئۈچىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن ئۈچى تەسىس قىلىنغان ئىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر