- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
1-پەسىلدە ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئۆرلىدى
GDP بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.9 ئاشتى
2017.04.18 16:55 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 17-ئاپرېل سىرتقا مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: دەسلەپكى ھېساباتقا قارىغاندا، 1-پەسىلدە ئېلىمىزنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 18 تىرىليون 68 مىليارد 300 مىليون يۈەنگە يەتكەن، ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.9 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە 1-كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.0، 2-كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.4، 3-كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.7 ئاشقان. 1-پەسىللىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئالدىنقى پەسىلدىكىدىن %1.3 ئاشقان.
1-پەسىلدە ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئۆرلىشىگە ئاساسلىقى مۇنداق ئۈچ چوڭ ئامىل تەسىر كۆرسەتكەن. بىرىنچى، 2-كەسىپ، بولۇپمۇ سانائەتنىڭ ئېشىش سۈرئىتى كۆرۈنەرلىك ئاشقان. 1-پەسىلدە مەملىكەت بويىچە كۆلەملىك سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.8 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىر پىرسەنت پوئېنت ئاشقان، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 0.8 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان. ئىككىنچى، ئىستېمال ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولغان. ئۈچىنچى، ئىمپورت-ئېكسپورت بىر قەدەر تېز ئاشقان، ئىمپورت-ئېكسپورت سوممىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەنپىيدىن مۇسبەتكە ئۆزگەرگەن.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر