باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئېلىپ، ئىستىلىمنى چىڭىتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشنىڭ ئۈلگىسى بولىمەن

ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات–نەشرىيات–رادىيو–كىنو–تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى گۈلشەن تۇراخۇن

2017.04.19 09:02         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى نەمۇنىچىسى ئۇبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن يېقىندا يازغان ‹‹ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب››تا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە بولغان مىننەتدارلىق ساداسى، دۆلەت ۋە خەلققە بولغان ساداقەتمەنلىك ساداسى، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت ھەققانىيەت ساداسى ياڭرىتىلدى، ھەر مىللەت پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ھالقىلىق پەيتتە دادىل پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، دادىللىق بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىشىغا ئىلھام بېرىلدى.

  ئاخبارات – نەشرىيات – رادىيو – كىنو – تېلېۋىزىيە سېپىدىكى پارتىيەلىك ئۇيغۇر كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شىنجاڭدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولغانلىقىغا شاھىت بولدۇم. مەن بورتالا شەھىرىدە بىر ئۇيغۇر كادىر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئاتا – ئانام كىچىكىمىزدىن باشلاپلا بىزگە پارتىيەنى، ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيۈش تەربىيەسى بېرەتتى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، سوتسىيالىستىك جۇڭگو بولمىغان بولسا، ئائىلىمىزنىڭ بۇ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشى بولمىغان بولاتتى، مەنمۇ بۇنداق ئەتراپلىق ئۆسۈپ يېتىلەلمىگەن بولاتتىم. ئەمما، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ۋەتەننى پارچىلاش رەزىل مەقسىتىدە، بىر قاتار زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەلىرىنى پەيدا قىلدى، ئۇلار شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. بىز ھەر بىر كادىر، بولۇپمۇ ئۇيغۇر كادىرلار زوراۋان – تېررورچىلارغا دادىل پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى جەڭ ئېلان قىلىشىمىز، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئورتاق قوغداش مەسئۇلىيىتىمىز ۋە بۇرچىمىزنى ئاڭلىق زىممىمىزگە ئېلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداش نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇشىمىز كېرەك.

  بىرىنچىدىن، سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيەگە سادىق، سىياسىي ئىنتىزامغا ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىدىغان نەمۇنىچىلاردىن بولۇشىمىز كېرەك. پارتىيەلىك ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەيدانى، قارىشى، پوزىتسىيەسى ئۇيغۇر ئامما ۋە جەمئىيەتكە مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ. بىز جەزمەن سىياسىيدا كۈچلۈك بولۇشنى ئۆزىمىزگە قويۇلىدىغان ئەڭ مۇھىم تەلەپ قىلىپ، سىياسىي ئىنتىزامغا ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىشنى ھاياتىمىز دەپ بىلىشىمىز؛ سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن – ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشىمىز؛ سىياسىي سەزگۈرلۈكىمىز ۋە سىياسىي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، سىياسىي ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي مەيداندىن تەۋرەنمەي، سىياسىي يۆنىلىشنى توغرا ئىگىلىشىمىز كېرەك. ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە باشتىن – ئاخىر بايرىقىمىزنى روشەن قىلىپ، مەيدانىمىزنى مۇستەھكەملەپ، تونۇشىمىزنى بىرلىككە كەلتۈرۈشىمىز؛ تىلىمىز بىلەن دىلىمىزنى بىردەك، پوزىتسىيەمىزنى كەسكىن قىلىپ، قەدەمنى تەڭ ئېلىشىمىز؛ ئۇيغۇر پارتىيەلىك كادىرلار مۈجمەل گەپ قىلىدىغان، يول قويىدىغان ئىشنى قەتئىي قىلماي، باشتىن – ئاخىر پارتىيەگە سادىق بولۇشىمىز كېرەك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش مۇھىم تەدبىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي، كەم – كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز ۋە ئىجرا قىلىشىمىز كېرەك.

  ئىككىنچىدىن، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇشىمىز كېرەك. شىنجاڭنىڭ ئىككى ‹‹ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن›› كەسكىن ۋەزىيىتىگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، دادىل مەسئۇل بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىشىمىز؛ ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم يىغىنىنىڭ روھى ھەم ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز؛ ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قۇرۇلتىيىنىڭ ئىدېئولوگىيە خىزمىتىدە يېتەكلەش كۈچىنى ئاشۇرۇش، تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش، تارقىتىش كۈچىنى ئاشۇرۇش، قاپلاش كۈچىنى ئاشۇرۇش، رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش، تەمىنلەش كۈچىنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ‹‹ئالتىنى ئاشۇرۇش›› تەلىپى بويىچە، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى كۆزلەپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. مىللىي بۆلگۈنچىلىككە بايرىقىمىز روشەن ھالدا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ھەر قانداق سۆز – ھەرىكەتلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇھىم تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى كەڭ، پۇختا قانات يايدۇرۇشىمىز؛ ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش›› پائالىيىتىنى باشلامچىلىق بىلەن ياخشى قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسرىشىمىز ۋە ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلىشىمىز؛ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرۇشىمىز كېرەك.

  ئۈچىنچىدىن، ئىستىلىمىزنى چىڭىتىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالالايدىغان نەمۇنىچىلاردىن بولۇشىمىز كېرەك. ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەت پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلىرى ئىستىل قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، بىر – بىرىمىزنىڭ تىلىنى بىلىش، ئۆرپ – ئادىتىمىز ئوخشىشىپ كېتىش، ھېسسىيات جەھەتتە يېقىن بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۆز مىللىتىمىزدىن بولغان كادىرلارنى دائىم ئاگاھلاندۇرۇش، ئۇلارغا تەلەپ قويۇش، ئىنتىزامنى تەكىتلەش مەسئۇلىيىتىمىزنى ئاڭلىق زىممىمىزگە ئېلىشىمىز؛ ‹‹سۆزنى ئۆگىنىش، ئىستىلنى ياخشىلاش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش›› مەخسۇس پائالىيىتىنى باشلامچىلىق بىلەن ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ياخشى كادىر ئۆلچىمى ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى كادىرلارنىڭ ‹‹ئۈچ ئالاھىدە›› سىياسىي ئۆلچىمىنى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇشىمىز كېرەك. بولۇپمۇ، ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى پارتىيەگە، ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ئېڭىنى كۈچەيتىش بويىچە تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، پارتىيە ئىنتىزامى ۋە پارتىيە قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىشىمىز؛ ‹‹قىزىل سىزىق، تۆۋەن چەك، يۇقىرى بېسىم››نى ئۆزىمىزنىڭ ئىدىيەسىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈپ، ‹‹تۆت خاھىش››، ‹‹تۆت كەيپىيات›› مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشىمىز؛ كادىرلارنى قاتتىق باشقۇرۇشنى كادىرلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئاسراش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، سىياسىيدا، ئىقتىداردا، ئىستىلدا كۈچلۈك يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر