باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دىنىي ساھەدىكىلەرنىڭ ‹‹ئۈچنى سۆيۈش، ئۈچكە قارشى تۇرۇش›› سۆھبەت يىغىنىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى

توغرا ئېتىقاد ۋە توغرا ھەرىكەتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغداش كېرەك

2017.04.19 08:49         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 48 – قېتىملىق دائىمىي يىغىنى 4 – ئاينىڭ 17 – كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلدى، يىغىندا ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلانى›› مۇھاكىمە قىلىندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ‹‹12 – بەش يىل›› مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرى تېز تەرەققىي قىلدى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قۇرۇلمىسى ئۈزلۈكسىز سەرخىللاشتى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتى سىجىل مۇقىم بولدى، شەھەر – يېزىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەشنى بىر تۇتاش پىلانلاش سىستېمىسى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتى؛ ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمى قۇرۇلۇشىدا زور بۆسۈش بولدى، شەھەر – يېزىلارنى قاپلىغان ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنىڭ قاپلاش كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، تەمىنات سەۋىيەسى مۇقىم ئاشتى؛ ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنىڭ ئومۇمىي سانى مۇقىم ئاشتى، ئومۇمىي ساپاسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، قوشۇن قۇرۇلمىسى سىجىل سەرخىللاشتى؛ مائاش كىرىم تەقسىمات تۈزۈمى ئىسلاھاتىدا بۆسۈش خاراكتېرلىك ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى، كارخانىلاردا مائاش نورمال ئۆستى ۋە كارخانىلارنىڭ چىقىم كاپالەت مېخانىزمى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتى؛ ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئىناق، مۇقىم بولدى، مۇرەسسە قىلىش، كېسىم چىقىرىش ۋە ئەمگەك كاپالىتىنى مەمۇرىي تەپتىش قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىش مېخانىزمى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتى؛ جامائەت مۇلازىمىتى سىياسىتى سىستېمىسى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتى، جامائەت مۇلازىمىتى سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى. بۇ ئىشلار خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى ياخشىلاش، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىيىتىنى قوغداش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇھىم تۆھپە قوشتى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ‹‹13 – بەش يىل›› مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى 1 – ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ ئەتراپلىق، تېخىمۇ سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇھىتى يارىتىش؛ ئىجتىمائىي كاپالەت قانۇنىي ئىگىلەرنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاش، شەھەر – يېزا ئاھالىسىنى ئومۇميۈزلۈك قاپلىغان ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىش، ئورگان، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ئىسلاھاتى ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەھەر – يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي كاپالەت تەمىناتىنى نورمال تەڭشەش مېخانىزمى بەرپا قىلىش، فوندنى بىخەتەر، ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئايلاندۇرۇش؛ ئىختىساسلىقلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسىگە ئالاقىدار ۋەزىپىلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى قاتلام كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى، يۇقىرى تېخنىكىلىق ئىختىساسلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلغان ئىختىساسلىقلار قوشۇن قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈزۈلمە مېخانىزم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان ئىختىساسلىقلار سىياسىتى سىستېمىسى ۋە ئىختىساسلىقلار جامائەت مۇلازىمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىش؛ ئورگان، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ خىزمەت تۈزۈمى ئىسلاھاتى ۋە كارخانىلارنىڭ مائاش تەقسىمات تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇۋاپىق، تەرتىپلىك بولغان مائاش كىرىم تەقسىمات ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈش؛ ئىناق ئەمگەك مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىپ، ئەمگەكچىلەر ۋە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغداش؛ ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى ئىقتىدارىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش، شەھەر – يېزا ئاھالىسىنى قاپلىغان ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت جامائەت مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى تەدرىجىي ئۆستۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر