باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن «پىكىر»گە تەستىق سىلىپ 35 تۈرلۈك ئىقتىساد تۈزۈلمىسى ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاشتۇردى

2017.04.19 14:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: لى كېچياڭ زۇڭلىنىڭ ئىمزا قويۇپ تەستىقلىشى بىلەن گوۋۇيۈەن يېقىندا دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ «2017- يىللىق ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»(تۆۋەندە «پىكىر»دەپ قىسقارتىپ ئېلىندى)نى تەستىقلىدى.

  «پىكىر» دە 10 ساھەدىكى 35 تۈرلۈك يىللىق ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بىرىنچى، «ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش. ئىككىنچى، دۆلەت كارخانىسى، دۆلەت مۈلكى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش. ئۈچىنچى، مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش.تۆتىنچى، مالىيە- باج تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش. بەشىنچى، پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش. ئالتىنچى، شەھەر، يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تۈزۈلمە مېخانىزىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش. يەتتىنچى، يېڭىلىق يارىتىشنى تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى قىلىش تۈزۈلمە مېخانىزىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش. سەككىزىنچى، ئېچىۋېتىلگەن ئىقتىسادىي يېڭى تۈزۈلمە ئورنىتىشنى تېزلىتىش. توققۇزىنچى، ئىجتىمائىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش.ئونىنچى، ئىكولوگىيەلىك مەدەنىيلىك تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر