باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغدايمىز

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپ، ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى تۇرسۇنجان ئەلى

2017.04.19 08:59         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› مىللەت، دىن تونىغا ئورىنىۋېلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى ھەدەپ تارقاتتى، مىللىي بۆلگۈنچىلىكنى تەرغىب قىلىپ، شىنجاڭدىكى قېرىنداشلارچە يېقىن ئۆتۈۋاتقان ھەر مىللەت خەلق ئارىسىدا ئارازىلىق پەيدا قىلدى، تىنچ، ئىناق، بەختلىك تۇرمۇشىمىزغا كۈچىنىڭ بارىچە بۇزغۇنچىلىق قىلدى. بۇنىڭغا ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق قەتئىي قارشى تۇرىدۇ! بىز ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قەتئىي قوغداپ، بايرىقىمىز روشەن ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى قەتئىي تەۋرەنمەي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

  بىرىنچىدىن، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت بىرىنچى سىياسىي مەسئۇلىيىتىمىز، بىرىنچى تارىخىي بۇرچىمىزنى ئاڭلىق، قەتئىي ئادا قىلىشىمىز كېرەك. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ كەسكىن، مۇرەككەپ ۋەزىيىتىدە، ھەر بىر پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشتەك مۇقەددەس بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك. پارتىيەنىڭ تەربىيەسى، يېتىشتۈرۈشى ۋە غەمخورلۇقىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن ئاز سانلىق مىللەت رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، قەلبىم باشتىن – ئاخىر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە بولغان چەكسىز ساداقەت ۋە ئىشەنچ بىلەن تولغان. مەن ئۆزۈمنىڭ بىرىنچى سالاھىيىتىمنىڭ كومپارتىيە ئەزاسى، بىرىنچى مەسئۇلىيىتىمنىڭ پارتىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىكەنلىكىنى باشتىن – ئاخىر ئېسىمدە چىڭ ساقلاپ كەلدىم. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش مۇھىم تەدبىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش توغرىسىدىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېنىڭ ھازىر قەتئىي ئادا قىلىدىغان بىرىنچى سىياسىي مەسئۇلىيىتىم، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا قەتئىي سادىق بولغان – بولمىغانلىقىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم ئۆلچەم.

  ئىككىنچىدىن، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنى كۆزىنى يوغان ئېچىپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەشكە ئاڭلىق، قەتئىي يېتەكلەش كېرەك. ھەر مىللەت ئامما چوقۇم ھوشيار، سەگەك بولۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ئېيتقان ئاتالمىش ‹‹غازات يولىدا قۇربان بولغانلار›› كىرىدىغان ‹‹جەننەت››نىڭ ئەمەلىيەتتە چەكسىز ئازابقا تولغان ‹‹دوزاخ›› ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ئەسەبىيلىشىپ، بىگۇناھ كىشىلەرنى ئۆلتۈردى، ئۇلارنىڭ ۋاسىتىسى ناھايىتى قەبىھ بولۇپ، كىشىنى غەزەپلەندۈرىدۇ. ‹‹ ئۈچ خىل كۈچ›› ئىنسانىيەتكە، جەمئىيەتكە، مەدەنىيەتكە قارشى زوراۋانلىق جىنايى قىلمىشلىرىنى سادىر قىلدى. ئۇلار مىللەت ئىچىدىن چىققان مۇناپىقلار، ئۇلار ئۈزۈل – كېسىل تازىلانمىسا، مىللەتتە ئۈمىد قالمايدۇ، پۇقرالار خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلالمايدۇ. بىز بەختىيار تۇرمۇشىمىزنىڭ تەستە قولغا كەلگەنلىكىنى چوقۇم سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىپ، بۈگۈنكى بەختىيار تۇرمۇشىمىزنى چىن ھېسسىياتىمىز بىلەن قەدىرلەپ، پارتىيەنى، ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى ھەسسىلەپ قىزغىن سۆيۈشىمىز كېرەك.

  ئۈچىنچىدىن، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ سىياسىي ئىنتىزامىنى ئاڭلىق، قەتئىي چىڭىتىپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى قەتئىي يوقىتىشىمىز كېرەك. شىنجاڭدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، شىنجاڭدا خىزمەت قىلىۋاتقان پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، چوقۇم سادىق، پاك بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئېلىپ، باشلامچىلىق بىلەن ياخشى ئۈلگە بولىمەن؛ كىمنىڭ دۈشمىنىمىز، كىمنىڭ قېرىندىشىمىز، كىمنىڭ بەختلىك ھەم خاتىرجەم تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقى، كىمنىڭ بىزنى تەرەققىياتقا يېتەكلەۋاتقانلىقىنى چوقۇم ئېنىق ئايرىپ، ‹‹تۇزىنى يەپ تۇزلۇقىنى چاقىدىغان›› ئىشنى قەتئىي قىلمايمەن. بىز ئەتراپىمىزغا يوشۇرۇنغان ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەردىن جەزمەن تېخىمۇ ھوشيار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەپت – بەشىرىسىنى ئېنىق ئېچىشىمىز، ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇشىمىز، ئۇلارنى قەتئىي پاش قىلىپ، تازىلاپ يوقىتىشىمىز كېرەك. ھەر بىر ۋىجدانلىق ئۇيغۇر قېرىنداش چوقۇم باتۇرلۇق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئىدىيەۋى ئويغىنىشىمىزنى بۆلگۈنچىلىككە، ئەسەبىيلىككە، زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇشىمىز؛ بايراقنى كۆتۈرۈپ، پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، تەشەببۇسكار بولۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قەتئىي، تەلتۆكۈس، قاقشاتقۇچ زەربە بېرىشىمىز كېرەك! ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نى كوچىدىن ئۆتكەندە ئۇر – ئۇرغا قالغان چاشقانغا ئايلاندۇرۇپ، ئۇلارغا قاچىدىغان ۋە يۇشۇرۇنىدىغان جاي قويماسلىقىمىز كېرەك.

  تۆتىنچىدىن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي ئىناقلىق، خاتىرجەملىكنى ئاڭلىق، تەۋرەنمەي قوغدىشىمىز كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جان تومۇرى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسرىشىمىز، ئۆز ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلىشىمىز كېرەك. بىز ئاپتونوم رايون بويىچە ھۆكۈمەت سىستېمىلىرىدا ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىنى تېخىمۇ كەڭ قانات يايدۇرۇشىمىز، ھەر مىللەت كادىرلارنىڭ ئاز سانلىق مىللەت ئامما بىلەن قەلب رىشتىسىنى چىڭىتىپ، ھېسسىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىز؛ بارلىق كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش كەيپىياتىنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇشىمىز كېرەك. بىز بۇنىڭدىن كېيىن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قەتئىي قوغداشنى مۇستەھكەم نىشان ۋە ۋەزىپە قىلىپ، ئۆزىمىزدىن، كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ، ئورتاق ئائىلىمىز، ۋەتىنىمىزنىڭ گۈزەل كەلگۈسى ئۈچۈن ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى قەتئىي، ئاداققىچە كۈرەش قىلىشىمىز؛ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش، ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەقىل – پاراسىتىمىزنى ئىشقا سېلىشىمىز ۋە كۈچىمىزنى قوشۇشىمىز كېرەك!


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر