باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

رەھبىرىي كادىرلار بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولۇشى كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى (دىن ئىشلىرى ئىدارىسى) پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىر(ئىدارە باشلىقى) تۇرغان پىدا

2017.04.19 08:54         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇزاقتىن بۇيان، زور بىر تۈركۈم ئاز سانلىق مىللەت رەھبىرىي كادىر پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ پارلاق نۇرىدا ئۆسۈپ يېتىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى تايانچلارغا ئايلاندى.

  مەن ئاددىي ئۇيغۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى، تەربىيەسىدە رەھبىرىي كادىر بولۇپ يېتىشىپ چىقتىم. قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى پارتىيەگە بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتىم بىلەن، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا ئىرادە باغلىغانمەن. ماڭا ئايانكى، پارتىيە مېنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن ئىكەن، مەن جۇڭخۇا مىللىتى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، جەمئىيەت ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشۇم كېرەك.

  ھازىر دەل ئاپتونوم رايونىمىز پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل. ھەر مىللەت ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ۋە ئۇيۇشتۇرۇش ھەر بىر رەھبىرىي كادىرنىڭ بۇرچى. ئاز سانلىق مىللەت رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، جەزمەن مىننەتدارلىق ئېڭى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئېڭى، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش ئېڭى، ساداقەتمەنلىك ئېڭى بىلەن توغرا ماركسىزملىق دۆلەت قارىشى ۋە مىللەت قارىشى تۇرغۇزىمەن.

  مەن بىر رەھبىرىي كادىر، ئۆزۈم قايسى مىللەتتىن بولسام، شۇ مىللەتكە ۋەكىللىك قىلىمەن. ئەگەر ئۆزۈمنى پەقەت شۇ مىللەتنىڭ كادىرى دەپ قارىسام، بۇ تار مەنىدىكى مىللەتچىلىك خاھىشى بولۇپ قالىدۇ. مەن بىر ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىر، مىللىتىمنى سۆيىمەن، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مىللىتىمنىڭ دەۋرنىڭ تەرەققىيات قەدىمىگە يېتىشىپ، ھەر مىللەت قېرىنداشلار بىلەن تەڭ گۈللىنىپ، تەڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مۇشۇنداق ئۈمىدىم بولغاچقا، مەندە كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بار.

  مەن ئۇيغۇر كادىرلارغا شۇنداق دېمەكچى، يۈرىكىڭلارنى تىڭشاپ بېقىڭلار، سىلەردە يەنە تار مىللەتچىلىك ئىدىيەسى بارمۇ – يوق؟ ئۆزۈڭلارنى شۇ مىللەت مەنپەئىتىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە قارامسىلەر – يوق؟ بىز پارتىيەنىڭ كادىرى، شۇ مىللەتنىڭلا كادىرى ئەمەس، شۇ مىللەتنىڭ مەنپەئىتىگىلا ۋەكىللىك قىلمايمىز، بەلكى شۇ مىللەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىشلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىمىز.

  مىللىتىنى چوڭقۇر، قىزغىن سۆيىدىغان ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىرلار مۇنداق بىر كەسكىن مەسىلىنى چوڭقۇر ئويلىنىشى كېرەك: مىللىتىمىز قايسى يولدا مېڭىشى كېرەك؟ ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە ئەگىشىپ، رەزىل جىنايى قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشى كېرەكمۇ ياكى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىشى كېرەكمۇ؟ پوزىتسىيە بىلدۈرمىگەنلىك يول قويغانلىق، بۇ كەسكىن سىياسىي مەيدان مەسىلىسىدۇر. شۇڭا، بىز جەزمەن بايرىقىمىز روشەن ھالدا مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدىشىمىز؛ ھەر خىل شەكىلدىكى مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىدىغان قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا قەتئىي زەربە بېرىشىمىز؛ ئاممىنى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىگە ئاتلىنىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قاچىدىغان يەر، يوشۇرۇنىدىغان جاي قالدۇرماسلىقىمىز كېرەك. بىزدە ‹‹ياخشى ئاتقا بىر قامچا، يامان ئاتقا يۈز (قامچا)››، ‹‹كىشىنىڭ سۆزىگە باقماي ئۆزىگە باق›› دەيدىغان گەپ بار. ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئالىي مەنپەئىتى. ئومۇمەن ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشقا، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىشىگە پايدىسىز بارلىق ئىدىيە ۋە ھەرىكەتلەر مىللەتلەرنىڭ مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ، ئۇنى جەزمەن قەتئىي چۆرۈپ تاشلاش ۋە يىلتىزىدىن يوقىتىش كېرەك. ھازىرقى بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش ئىنتايىن كەسكىن، مۇرەككەپ بولۇۋاتقان ۋەزىيەتتە، ئاز سانلىق مىللەت رەھبىرىي كادىرلىرى تارىخىي مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىشىمىز؛ مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، ئىتتىپاقلىشىش، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش، سادىق بولۇشتىكى نەمۇنىلىك ھەرىكىتىمىز بىلەن ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە ئۇيۇشتۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش خەلق ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈشىمىز؛ ئۆز مىللىتىمىزنى دەۋرنىڭ قەدىمىگە يېتىشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسى ۋە باشقا ھەر مىللەت قېرىنداشلار بىلەن ئورتاق گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىمىز كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر