باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

باش نىشانغا يېتىشكە قۇدرەتلىك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مۇجەسسەملەيمىز

‹‹ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا ئوچۇق خەت›› ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەدەبىيات–سەنئەت ساھەسىدە قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

2017.04.19 08:42         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جيا چۈنشيا خەۋەر قىلىدۇ: خوتەن ۋىلايىتىدىكى ئۇيغۇر يازغۇچى، شائىرلار يېقىندا ئېلان قىلغان ‹‹ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا ئوچۇق خەت›› ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەدەبىيات – سەنئەت ساھەسىدە قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق دەپ قارىدى: ‹‹ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا ئوچۇق خەت››تە ئۇيغۇر كادىرلار، ئاممىنىڭ ئورتاق يۈرەك ساداسى ئىپادىلەندى، پارتىيەنىڭ ئەدەبىيات – سەنئەت خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، چاقىرىققا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئۈن – تىنسىز تەسىر كۆرسىتىپ، باش نىشانغا يېتىشكە قۇدرەتلىك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مۇجەسسەملەيمىز.

  ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىر مۇختەر مەخسۇت مۇنداق دېدى: ‹‹ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا ئوچۇق خەت››تە ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى مەسئۇلىيەت، بۇرچنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىگە ئېلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بىز ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغداپ، ھەر قانداق شەكىلدىكى بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە بايرىقىمىز روشەن ھالدا قارشى تۇرىمىز. ھەر مىللەت مەدەنىيەت خىزمەتچىلىرى، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى مىللىي بۆلگۈنچىلەر بىلەن بولغان ھايات – ماماتلىق كۈرەشتە سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، ياخشى باشلامچى، ياخشى ئۈلگە بولۇپ، ھەر قانداق شەكىلدىكى بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسى ۋە بۆلگۈنچىلىككە ئالاقىدار سۆز – ھەرىكەتلەرگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، قەتئىي ھالدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ قوغدىغۇچىسى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشنىڭ ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن بولۇشىمىز كېرەك. كېيىنكى قەدەمدە مەدەنىيەت نازارىتى ھەر مىللەت سەنئەتكارلارنى تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ، ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش››، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان تېخىمۇ كۆپ ئويۇنلارنى تەييارلاش ۋە قويۇشقا تەشكىللەپ، ئاممىنى ئىجابىي تەربىيە ئارقىلىق دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىدىن يىراقلىشىشقا يېتەكلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز.

  شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى سېرك ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ئەنۋەر مۇھەممەت مۇنداق دېدى:‹‹ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا ئوچۇق خەت›› دەل ۋاقتىدا ئېلان قىلىندى، زوراۋان – تېررورچىلار شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا ئىنتايىن زور زىيان سالدى، مەن ئۇلاردىن قاتتىق نەپرەتلىنىمەن، بىز خەلقنى يېتەكلەپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ رەزىل ئەپت – بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلاپ، ئاممىغا پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش، ئاسان قولغا كەلمىگەن بەختلىك تۇرمۇشنى قەدىرلەش توغرىسىدا تەربىيە بېرىشىمىز كېرەك. مەن سېرك ئارتىسىدىن سېرك ئۆمىكىنىڭ باشلىقى بولۇپ يېتىلدىم، ھەم شەرەپ بىلەن جۇڭگونىڭ سېرك ساھەسىدىكى ئەڭ يۇقىرى مۇكاپات ‹‹9 – نۆۋەتلىك جۇڭگو سېرك ئالتۇن جۇخار گۈلى ئۆمۈرلۈك نەتىجە مۇكاپاتى››غا ئېرىشىپ، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولدۇم. ئەگەر پارتىيەنىڭ تەربىيەلىشى بولمىسا، ھازىرقى مۇۋەپپەقىيىتىم بولمىغان بولاتتى. ئەدەبىيات – سەنئەت خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز چوقۇم مەدەنىيەت ئارقىلىق پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ، پۇقرالارغا پارتىيەنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇپ، باش نىشانغا يېتىش ئۈچۈن قۇدرەتلىك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك.

  شىنجاڭ رەسساملار يۇرتىنىڭ 1 – دەرىجىلىك گۈزەل سەنئەت ئۇستىسى يالقۇن غازى مۇنداق دېدى: بىز سەنئەتكارلار خوتەن ۋىلايىتىدىكى ئۇيغۇر يازغۇچى، شائىرلارغا ئوخشاش تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشىمىز كېرەك. ئەدەبىيات – سەنئەت، تارىخ نۇقتىسىدىن كىشىلەرنى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ ماھىيىتى ۋە زىيىنىنى ئېنىق تونۇشقا يېتەكلەپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ تارىخنى بۇرمىلاپ، يالغان – ياۋىداق سۆزلەر بىلەن كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسىنى قايمۇقتۇرغان زەھىرىنى قەتئىي تازىلاپ، ئاڭلىق ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش باشلامچىلىرىدىن بولۇشىمىز كېرەك. رەسسام بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئەسىرىمدە قويۇق رەڭ، گۈزەل سىزىقلار بىلەن گۈللەپ راۋاجلىنىۋاتقان يېڭى يېزا مەنزىرىسىنى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى ئىپادىلەپ، مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىنى تەسىرلەندۈرۈپ، ئۇلارنى تەربىيەلەيمەن.

  شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى، دۆلەتلىك 1 – دەرىجىلىك ئورۇنلىغۇچى مۇھەممەتئىمىن مۇھەممەتئېلى مۇنداق دېدى: ‹‹ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا ئوچۇق خەت›› يۈرەك سادايىمىزنى ئىپادىلەپلا قالماي، بىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىشەنچىمىزنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ۋە زوراۋان – تېررورچىلار شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە ئېغىر زىيان سالدى. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىن ئىبارەت بۇ پىرىنسىپال مەسىلىدە، بىز ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ زوراۋان – تېررورچىلارغا قاتتىق زەربە بېرىشىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپلا قالماي، بايرىقىمىز روشەن، مەيدانىمىز مۇستەھكەم، پوزىتسىيەمىز ئېنىق ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى كۈرەش قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىنسانىيەتكە، جەمئىيەتكە، مەدەنىيەتكە قارشى رەزىل ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلاپ، زوراۋان – تېررورچىلارنىڭ خاتىرجەم، ئىناق ئىجتىمائىي ۋەزىيىتىمىزگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا قەتئىي يول قويمايمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر