باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» مۇنبەر پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ ۋە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ

2017.04.19 14:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 18-ئاپرېل جۇڭگو ۋە چەت ئەل تاراتقۇلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئاچتى. دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ شياۋتاۋ «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ بىر قاتار پائالىيەتلىرىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى ۋە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى 5-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنبەرنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ ۋە رەھبەرلەر يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، ھازىر دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرىدىن 28 كىشىنىڭ مۇنبەرگە قاتنىشىدىغانلىقى بېكىتىلدى، ئۇلار ئارگېنتىنا زۇڭتۇڭى ماكرى، بېلارۇسىيە زۇڭتۇڭى لۇكاشېنكو، چىلى زۇڭتۇڭى باچېلېت، چېخىيە زۇڭتۇڭى زېمان، ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكو، قازاقىستان زۇڭتۇڭى نەزەبايېف، كېنىيە زۇڭتۇڭى كېنياتا، لائوس دۆلەت رەئىسى بوڭناڭ، فىلىپپىن زۇڭتۇڭى دۇتېرتې، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، شىۋېيتسارىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ رەئىسى لويىتىخارد، تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان، ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيوئېۋ، ۋىيېتنامنىڭ دۆلەت رەئىسى چېن داگۇاڭ، كامبودژا باش ۋەزىر خۇڭسېن، ئېفىيوپىيە زۇڭلىسى خايلېمارېيام، فىجى زۇڭلىسى بەينىماراما، گىرېتسىيە زۇڭلىسى سىپراس، ۋېنگىرىيە زۇڭلىسى ئوربان، ئىتالىيە زۇڭلىسى گېنتىلونى، مالايسىيا زۇڭلىسى نەجىب، موڭغۇلىيە زۇڭلىسى ئېردېبات، بىرما دۆلەت ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى ئاڭسان سۇكى، پاكىستان زۇڭلىسى شېرىف، پولشا زۇڭلىسى سىدىلو، سېربىيە زۇڭلىسى ۋۇچىچى، ئىسپانىيە باش ۋەزىرى راجوي، سىرىلانكا زۇڭلىسى ۋىكرام سىڭخانى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر