باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

1-پەسىلدە، ئاپتونوم رايونىمىزدا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى 577 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى

2017.04.20 14:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 1-پەسىلدە، ئاپتونوم رايونىمىزدا يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ نامراتلىقنى تۈگىتىش خىزمىتى ئاكتىپلىق بىلەن پائال ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، 577 مىڭ ئادەم قېتىم يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 145 مىڭ ئادەم قېتىم ئاشقان.

  يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، بۇ يىل 3-ئايدا، ئاپتونوم رايونىمىزدا «باھار شامىلى» ھەرىكىتى تەشكىللىنىپ يولغا قويۇلدى. ھازىرغا قەدەر، ئاپتونوم رايون بويىچە 168 قېتىم خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش يىغىنىغا قاتناشقان شىركەت-كارخانىلار 1783گە يېتىپ، 64 مىڭ 271 خىزمەت ئورنى ھازىرلىنىپ، يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىدىن 65 مىڭ 55 ئادەم جەلپ قىلىنىپ، 22 مىڭ 737 ئادەم خىزمەت توختامى تۈزۈپ، يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئۈچۈن ياخشى سەھنە ھازىرلاپ بېرىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر