سۈرەتتە: مۇتەخەسسىسلەر بىمارنىڭ كۆزىنى تەكشۈرمەكتە.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مەڭلىك ئىمىن خەۋىرى ، فوتۇسى) چەرچەن ناھىيەلىك مېيىپلەر بىرلەشمىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن، 10-ئاپرىلدىن 17-ئاپرىلغىچە، كورلا شەھەرلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسى كۆز كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ بەش نەپەر مۇتەخەسسىسى چەرچەن ناھىيەسىگە كېلىپ كۆز كېسىلى بىمارىدىن 380نى تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئوپراتسىيە قىلىشقا تېگىشلىك 48 بىمارنى ھەقسىز ئوپراتسىيە قىلىپ، ئۇلارنى قايتا يۇرۇقلۇققا ئېرىشتۈردى.
توغراقلىق يېزىسى لەڭگەر كەنتىدىن كەلگەن دېھقان سىپرەمخان مەمتىمىن مۇنداق دېدى: مەن بۇيىل 68 ياشقا كىردىم، كۆزۈمگە ئاق چۈشۈپ قالغىلى ئىككى يىلغا يېقىن بولۇپقالغان ئىدى، يول يۈرۈش ۋە تۇرمۇشتا بەك قىينالغان ئىدىم، ئۆزۈم باشقا چوڭ شەھەرلەرگە بېرىپ ئوپراتسىيە قىلدۇرۇشنى ئويلىغان بولساممۇ، ئەمما ئائىلە ئىقتىسادىم تۈپەيلىدىن بارالمىغان. بۇ قېتىم ناھىيەلىك مېيىپلەر بىرلەشمىسىنىڭ ياردىمىدە كۆزۈمنى ھەقسىز ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ قايتا يۇرۇقلۇققا ئىرىشتىم، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ بىز دېھقانلارغا قىلغان غەمخورلىقىغا كۆپ رەھمەت .
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى