باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2017.04.20 16:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 19-ئاپرېل گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلىپ، باجنى يەنىمۇ كېمەيتىش تەدبىرىنى يولغا قويۇپ، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ، زاپاس كۈچنى ئاشۇرۇش قارار قىلىندى؛ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جامائەت كۈتۈبخانىسى قانۇنى (دەسلەپكى لايىھەسى)» ماقۇللاندى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات» تىكى ئورۇنلاشتۇرما بويىچە، باج تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، باجنى كېمەيتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، بازار سۇبيېكتىنىڭ يۈكىنى ئۈزلۈكسىز يەڭگىللىتىش تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر بولۇپ، ھازىرقى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتى مۇھىتىنىڭ چىگىش-مۇرەككەپ، تۇراقسىز، ئېنىقسىز ئامىللىرى يەنىلا خېلى كۆپ بولغان ئەھۋالدا، تىجارەت مۇھىتىنى ياخشىلاش ئارقىلىق كارخانىلارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە يېڭىلىق يارىتىشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇش، ئىقتىسادنىڭ مۇقىملىقتىن ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈش، قۇرۇلما دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.

  يىغىندا مۇنۇلار قارار قىلىندى: بىرىنچى پەسىلدە، خىراجەتنى 200 مىليارد يۈەن تۆۋەنلىتىش تەدبىرىنى يولغا قويۇش ئاساسىدا، باجنى تۆۋەنلىتىشنىڭ تۆۋەندىكىدەك تەدبىرلىرى يەنىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلدى:

  بىرىنچىدىن، تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، قوشۇلما قىممەت بېجى باج نىسبىتى قۇرۇلمىسىنى ئاددىيلاشتۇرۇش. بۇ يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، قوشۇلما قىممەت بېجى باج نىسبىتى تۆت دەرىجىدىن %17، %11، %6 تىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىگە تۆۋەنلىتىلىپ، %13 ئىبارەت بۇ بىر دەرىجە باج نىسبىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى؛ دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى، تەبىئىي گاز قاتارلىق قوشۇلما قىممەت بېجى باج نىسبىتى %13 تىن %11 كە چۈشۈرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش كارخانىلىرىنىڭ دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشىدىكى ئەسلىدىكى چىقىرىۋېتىش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، سېتىۋېلىنغان تۈرلەرنى چىقىرىۋېتىش، ئازايتىشتىن كېلىپ چىقىدىغان باج يۈكى ئېغىرلاپ كېتىشنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ.

  ئىككىنچىدىن، كارخانىلارنىڭ تاپاۋەت بېجى بويىچە ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش. 2017-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ يىللىق تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت بېجى سوممىسى يۇقىرى چېكىنى 300 مىڭ يۈەندىن 500 مىڭ يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ، بۇ شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت بېجى سوممىسىنىڭ يېرىمى كېمەيتىپ ھېسابلىنىدۇ ھەم كارخانىلار تاپاۋەت بېجىنى %20 ئېتىبارلىق باج نىسبىتى بويىچە تاپشۇرىدۇ.

  ئۈچىنچىدىن، پەن-تېخنىكا تىپىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش خىراجىتى باجدىن بۇرۇنقى قوشۇپ تۇتۇش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش. 2017-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2019-يىلى 21-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، پەن-تېخنىكا تىپىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ يېڭى تېخنىكا، يېڭى مەھسۇلات، يېڭى ھۈنەر-سەنئەت قاتارلىقلارنى ئېچىشتا ھاسىل بولغان تەتقىق قىلىپ ئېچىش خىراجىتى كارخانىلارنىڭ تاپاۋەت بېجىدىن بۇرۇنقى قوشۇپ تۇتۇش نىسبىتى %50 تىن %75 كە ئۆستۈرۈلىدۇ.

  تۆتىنچىدىن، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي، شاڭخەي، گۇاڭدۇڭ، ئەنخۇي، سىچۈەن، ۋۇخەن، شىئەن، شېنياڭنىڭ سەككىز ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىش، ئىسلاھات تەجرىبە رايونى ۋە سۇجۇ سانائەت رايونىدا نۇقتىدا سىناق قىلىنىپ، بۇ يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ئىگىلىك تىكلەشكە مەبلەغ سېلىش كارخانىلىرى مەبلەغ سېلىش ئۇرۇق مەزگىلى ۋە دەسلەپ قۇرۇلغان مەزگىلدىكى پەن-تېخنىكا تىپىدىكى كارخانىلار سېلىنما سوممىسى بويىچە %70 تۇتۇپ قېلىنىدىغان تاپاۋەت بېجى سوممىسى ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ؛ بۇ يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، بۇ ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولغان سېلىنما ئوبيتېكتى شىركەت تۈزۈمى ۋە شېرىكچىلىك تۈزۈمىدىكى يېڭىلىق يارىتىشقا مەبلەغ سالغۇچى كارخانىلارنىڭ قانۇنىي ئىگىلىرى ۋە شېرىكلەشكۈچىلەردىن شەخسىي مەبلەغ سالغۇچىلارغا كېڭەيتىلدى. سىياسەتنىڭ ئۈنۈملۈك مۇددىتىدىن بۇرۇنقى ئىككى يىل ئىچىدە ھاسىل بولغان مەبلەغدىمۇ يۇقىرىدىكى ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ.

  بەشىنچىدىن، بۇ يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، سودا ساغلاملىق سۇغۇرتىسى شەخسىي تاپاۋەت بېجىنى باجدىن بۇرۇن تۇتۇپ قېلىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش سىياسىتى مەملىكەت بويىچە كېڭەيتىلىپ، شەخسلەر شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ساغلاملىق سۇغۇرتىسى مەھسۇلاتىنى سېتىۋېلىش چىقىمىغا قارىتا، يىلىغا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 2400 يۈەننى باجدىن بۇرۇن تۇتىۋېلىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ.

  ئالتىنچىدىن، 2016-يىلىنىڭ ئاخىرى مۇددىتى توشقان قىسمەن باج ئېتىبار سىياسىتى 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىغا ئۇزارتىلدى، بۇ: ئەشيا ئوبوروتى كارخانىلىرىدا بار بولغان كۆپ مىقدارلىق تاۋار ئىسكىلات ئەسلىھەسىگە يەر ئىشلىتىشتە باج ھېسابلىنىدىغان شەھەر-بازار يېرىنى ئىشلىتىش بېجى؛ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ دېھقانلارنىڭ ئاز سوممىلىق قەرز ئۆسۈم كىرىمى قوشۇلما قىممەت بېجى ئالماسلىقى ھەم بۇ ئېتىبار بېرىش سىياسىتى دائىرىسىنى قانۇن-نىزاملارغا ئۇيغۇن تىجارەت بىلەن سۇغۇللىنىدىغان ئاز سوممىلىق قەرز پۇل بېرىش شىركەتلىرىگە كېڭەيتىش؛ ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەر، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلار، ھەربىي خىزمەتتىن چېكىنگەنلەر قاتارلىق نۇقتىلىق توپنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىشىدا، قوشۇلما قىممەت بېجى، شەھەر قوغداش قۇرۇلۇشى بېجى، تەربىيەلەش خىراجىتى قوشۇمچە ھەققى ۋە شەخسلەر (كارخانىلار) تاپاۋەت بېجى قاتارلىقلارنى بەلگىلىمە بويىچە ئاز تۇتۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر