باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن «پىكىر» بېسىپ تارقىتىپ، بەش جەھەتتىكى سىياسەت، تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى

نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەشنى ياخشى ئىشلەش كېرەك

2017.04.20 14:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، گوۋۇيۈەن يېقىندا «نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى پىكىر»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئىشقا ئورۇنلىشىش 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق ئاممىنىڭ ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى، شۇنداقلا ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئەڭ ئاساسلىق تىرىكى. ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتىدىكى يېڭى ئۆزگىرىش ۋە يېڭى خىرىس ئالدىدا، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى چوقۇم مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسى ۋە تېخىمۇ ئاكتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىش جېڭىنى ياخشى قىلىش كېرەك. «پىكىر»دە بەش جەھەتتىكى سىياسەت، تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  بىرىنچى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش. ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى تەڭ يولغا قويۇپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى رايونلار ئارا تەڭشەشنىڭ تۆۋەن چېكى قىلىش كېرەك.

  ئىككىنچى، يېڭى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھالىتىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش. ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشنى رىغبەتلەندۈرىدىغان ئېتىبار سىياسەتلەرنى گۈللەنمە كەسىپ كارخانىلىرىغا يۈزلەندۈرۈپ، ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ گۈللەنمە كەسىپ كارخانىلىرىنىڭ مەھسۇلات ۋە مۇلازىمىتىنى باش بولۇپ سېتىۋېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ئۈچىنچى، ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش. ئىگىلىك تىكلەش مۇھىتىنى ياخشىلاپ، سودا تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەستىق ئىشلىرىنى يەنىمۇ ئازايتىش كېرەك. ئىگىلىك تىكلەش ۋاسىتىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە يېتىشتۈرۈش بازىسى، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش بوشلۇقى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى تېزلىتىپ، جايلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش بويىچە يېتىشتۈرۈش بازىسىغا بەلگىلىك مۇكاپات ياردىمى بېرىشىغا رۇخسەت قىلىش كېرەك.

  تۆتىنچى، نۇقتىلىق كىشىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلىشىنى ياخشى ئىشلەش. ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئىستۇدېنتلارنى كۆپ يوللار بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئىستۇدېنتلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش تولۇقلىما بېرىش ئوبيېكتى دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، چەت ئەلدە ئوقۇغانلارنىڭ ۋەتەنگە قايتىپ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلىشىنى قوللاش پىلانىنى يولغا قويۇش كېرەك.بەشىنچى، تەربىيەلەش-يېتىشتۈرۈش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىش. تەربىيەلەش-يېتىشتۈرۈش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، زامانىۋى كەسپىي مائارىپنى تىز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تېخنىكا مائارىپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر