باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «رەھبىرىي كادىرلار ئالاقىدار شەخسىي ئىشلىرىنى مەلۇم قىلىش بەلگىلىمىسى» ۋە «رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئالاقىدار شەخسىي ئىشلىرىنى مەلۇم قىلىشىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسى» نى بېسىپ تارقاتتى

2017.04.20 14:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «رەھبىرىي كادىرلار ئالاقىدار شەخسىي ئىشلىرىنى مەلۇم قىلىش بەلگىلىمىسى: (تۆۋەندە «بەلگىلىمە» دەپ قىسقارتىپ ئېلىندى) ۋە «رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئالاقىدار شەخسىي ئىشلىرىنى مەلۇم قىلىشىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسى» (تۆۋەندە «چارە» دەپ قىسقارتىپ ئېلىندى) نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) لارنىڭ ئەستايىدىل ئەمەل قىلىپ ئىجرا قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئالاقىدار شەخسىي ئىشلىرىنى مەلۇم قىلىش خىزمىتىمۇ ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلدى ۋە ياخشىلاندى. ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6-ئومۇمىي يىغىنىدا رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئالاقىدار شەخسىي ئىشلىرىنى مەلۇم قىلىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدا يېڭىدىن ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلدى. يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى تەلەپكە تېخىمۇ ياخشى ماسلىشىش ئۈچۈن، مەركەز 2010-يىلى بېسىپ تارقاتقان «رەھبىرىي كادىرلار ئالاقىدار شەخسىي ئىشلىرىنى مەلۇم قىلىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە» گە تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى قارار قىلدى. تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «بەلگىلىمە» ۋە يېڭىدىن تۈزۈلگەن «چارە» دە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى قەتئىي ئىلگىرى سۈرۈش ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، جۇڭگوچە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئالاقىدار شەخسىي ئىشلىرىنى مەلۇم قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كۆزدە تۇتۇلدى، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى مەلۇم قىلىش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىشتىكى ئەمەلىي تەجرىبە يەكۈنلەندى، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇلدى، توغرا، ئىلمىي بولۇش ئۈستىدە ئىزدىنىلدى، نازارەت قىلىش، چەكلەش كۈچەيتىلدى، مەلۇم قىلىش سۇبيېكتى، مەلۇم قىلىش مەزمۇنى، ئارىلاپ تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ۋە نەتىجىسىنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىقلار ياخشىلاندى، مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. «بەلگىلىمە»، «چارە» نىڭ بېسىپ تارقىتىلىپ يولغا قويۇلۇشى پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە تەشكىلىي ئىنتىزامىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، كادىرلارنى قاتتىق باشقۇرۇش، نازارەت قىلىشتا ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر